يۈرەك كېسىلىدىن يىراق قىلىدىغان 10 خىل يىمەكلىك

文摘   2024-11-20 11:01   新疆  

سالونىمىز سىزگە ئەڭ يېقىن

ساغلام يېمەك - ئىچمەك ئ‍ادىتى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، يۈرەككە پايدىلىق يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

1- پەمىدۇر
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، پەمىدۇر يۈرەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار يەنە پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدىكى لىكوپىن ماددىسىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. 
پەمىدۇر تەركىبىدە لىكوپېندىن باشقا يەنە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى تۆۋەنلىتىدىغان، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولغان بىرىكمىلەر بار. 

2- زىغىر ئۇرۇقى
«ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، زىغىر ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىش قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يېمەك ئىچمەككە 30 گىرام ئېزىلگەن زىغىر ئۇرۇقىنى قوشقاندا، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى 15 % تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
زىغىر ئۇرۇقىنى مول بولغان يېمەك - ئىچمەك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ھەر كۈنى يېمەك – ئىچمەككە 30 گىرام يانجىلغان زىغىر ئۇرۇقى قوشۇلسا، يەنە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن سەۋىيىسىنى 15 % تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. 

3- سۇلۇ
ئەنگلىيە ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئومۇمىي بايانىغا ئاساسلانغاندا، سۇلۇ تەركىبىدە β- گلۇكوزان دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەمدە يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن.
ئۇ يەنە ماي توشۇغۇچى ئاقسىل B دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ، بۇ خىل ئاقسىل داغ پارچىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

4- قارا شاكىلات
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كاكائو خولېستېرىننى كونترول قىلىشقا ھەمدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. 
قارا شاكىلات تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كاكائو ۋە فلاۋونوئىد بار بولۇپ، تەركىبىدە ئاز دېگەندە % 60 كاكائو بولغان قارا شاكىلات يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەڭ پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.
2019ـ يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ھەر ھەپتىدە 45 گىرام قارا شاكىلات يېگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. 

5- ئانار
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاز دېگەندە بىر ئىستاكان ئانار شەربىتى ئىچسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
بىراق، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئېھتىيات بىلەن ئىستىمال قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئانار شەربىتىنىڭ قەنت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. 

6- ياڭاق
ياڭاق تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ مول بولۇپ، يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ.
2018 - يىللىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياڭاقنى دائىم يېگەندە ئومۇمىي خولستېرىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
 گەرچە ياڭاق تەركىبىدە 65 % ياغ ئېغىرلىقى بولسىمۇ، لېكىن تەركىبىدە ياڭاق مول بولغان يېمەك - ئىچمەكلەر بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ ياكى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
ياڭاق تەركىبىدە يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىپ بار بولۇپ، يۈرەك ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

7- ئاق ئۈجمە
ئاق ئۈجمە ئىچىدىكى سىئاندىن ئەڭ مۇھىم ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا دەپ ئاتىلىدۇ. سىئانىدىن چۈچۈمەل مېۋىلەردە مەۋجۇت، مەسىلەن، مالىنا، ئاچچىق گىلاس قاتارلىقلار. 
2016 - يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 58 نەپەر چوڭلار ھەر كۈنى توڭلىتىلغان ئاق ئۈجمە يەپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي خولېتسېرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئاق ئۈجمە تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى رېئاكتىپ سىئانىدىن بولغان مېۋە، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سىئانىدىن تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى ۋە ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. 

8- برازىلىيە بۆلجۈرگىنى
برازىلىيە بۆلجۈرگىنى بىر خىل تەركىبىدە سىئانىدىن مول بولغان مېۋە.
 2016ـ يىلى ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا كلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، برازىلىيە بۆلجۈرگىنىنى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى سېمىز 28 ئەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلىغان.
تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئېندوتېلىيە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ( قان تومۇرلارنىڭ بوشىشىپ كېتىشىنى تەڭشەيدىغان ھۈجەيرىلەر نورمال خىزمەت قىلالماسلىق ) ئالامەتلىرى بار بولۇپ، برازىلىيە بۆلجۈرگىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارى ياخشىلانغان.
بۇ برازىلىيە بۆلجۈرگىنىنىڭ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشقا گىرىپتار بولغان كىشىگە پايدىلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، برازىلىيە بۆلجۈرگىنى قان تومۇرلارنىڭ بوشىشىپ كېتىشىنى تەڭشەيدىغان ھۈجەيرە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە بەلكىم ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش ۋە باشقا قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ قان ئېقىشىنى ياخشىلىشى مۇمكىن.

9- ئالما
بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما تەركىبىدىكى كېۋېرتىسېتىن بەزى كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار 70 ياشتىن ئاشقان 1052 ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىپ، ئالمىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى قانچە يۇقىرى بولسا، يۈرەك كېسەللىكى خەتىرىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئالمىنىڭ تەركىبىدە كېۋېرتىسېتىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ بار بولۇپ، بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

10- مالىنا
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مالىنانىڭ تەركىبىدىكى سىئانىدىن قان تومۇرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق يۈرەك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئالىملارنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇدا سەككىز ھەپتە ھەر كۈنى مالىنا شەربىتى ئىچىپ بەرگەندە قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالىنا شەربىتى بەدەننىڭ ياللۇغقا تاقابىل تۇرۇشتا پەيدا بولغان بىر خىل C ئىنكاس ئاقسىلى دەپ ئاتىلىدىغان ماددانى ئازايتىدىكەن. بۇ مالىنا شەربىتىنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مالىنا شەربىتى تەركىبىدىكى سىئانىدىن خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.
خۇلاسە:
يۈرەككە پايدىلىق يېمەك - ئىچمەكلەر ھەر خىل مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات، دانلىق زىرائەت، ساغلام ياغ ۋە ساغلام ئاقسىل مەنبەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقارقى 10 خىل يىمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە يۈرەك ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ساغلاملىقىڭىزغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سالوننى قوللاپ، ئەجرىم ئۈچۈن ئاستى زەيكەننى بىرنى بېسىۋىتىڭ. چەمبىرەككە يوللاش ئىختىيار،،، رەھمەت!

بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章