ئائىلىدە كۆز ئاسراش ئۇسۇللىرى ۋە كۆزگە پايدىلىق يىمەكلىكلەر

文摘   2024-11-26 11:01   新疆  

ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز كومپيۇتېر، ئايپەد، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، بۇمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا كۆزىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەردە كۆزنى ئاسراش ئادىتى يوق بولۇپ، دائىم كۆز چارچاش ھېس قىلىدۇ.

تىلغۇن، كومپيۇتېردا مەشخۇلات قىلغان مەزگىلدە كۆزنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش كېرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئىككى سائەت مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم 15 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئويناش ھەم يىراققا نەزەر تاشلاپ، يىراقتىكى دەل- دەرەخلەرگە، يىشىللىقلارغا قاراش، كومپيۇتېردا داۋاملىق مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت قىلغاندا توغرا قىياپەتنى ساقلاپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ھاۋادا ئوچۇق تۇرغان يۈزىنى كىچىكلىتىش كىرەك.

بۈگۈنكى ساغلاملىق كۈتۈنۈشتە كۆپچىلىككە كۆزنى ئاسراشقا ياردىمى بولىدىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدىغان بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىمىز، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

ئۆيدە بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە، كۆزنى ئاسراپ كۆز تورلىششنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

01

 قارا ئالقات

قارا ئالقاتتىكى گۈل ھۆسنى ماددىسى ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە كۆرۈش تور پەردىسى سويۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، گۈل ھۆسنى ماددىسى غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ياۋا قارا ئالقاتتا چاي دەملەپ ئىچسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى روشەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆزى تورلىشىش، كۆز ئاستى قاناش، كۆز قۇرغاقلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

02

سۆسۈن رەڭلىك تاتلىق يەڭيۇ

سۆسۈن رەڭلىك يېمەكلىك تەركىبىدە سىئانىدىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، سىئانىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۇ ئەركىن رادىكاللارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدۇ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ توقۇلما ئادەتلىرىگە بولغان زىيىنى ئىچىدە، كۆز ئالمىسىغا ئەڭ ئاسان زىيان يەتكۈزىدۇ. سۆسۈن رەڭلىك يېمەكلىك بولسا تەبىئىي كۆزنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك، شۇڭا سۆسۈن رەڭلىك بەرەڭگە كۆزنى ئۈنۈملۈك ئاسراپ، ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

03

 پالەك

پالەكنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى، كۆزنىڭ قۇياش نۇرى، تاماكا ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىكى كىسانتوفىل ۋە كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى كۆزنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق، ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن a مول بولغان كۆكتات بولۇپ، ۋىتامىن a كەمچىل بولسا كۆز قۇرغاقلىشىپ، قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىش كۈچى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا ئۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئۈچ خىل كۆزنى ئاسراش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز، بۇنىڭ كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداشقا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بىرىنچى: يىراققا نەزەر سېلىش

يىراققا نەزەر سالغاندا كۆزنىڭ چارچىشىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئادەتتە كۆز چارچىغاندا يىراققا قاراپ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، بۇنى ناھايىتى ياخشى فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ

ئىككىنچى: كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇش

تىنچ سورۇننى تاللاپ، پۈتۈن بەدەننى ئازادە تۇتۇپ، قالايمىقان خىياللارنى تۈگىتىش كېرەك. كۆزنى ئېچىپ، باش-بويۇننى مىدىرلاتماي، كۆز ئالمىسىنى چۆرگىلىتىمىز.

بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆز مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى ياخشىلاپ، كۆزنى جانلىق، ئەركىن، نۇرلۇق قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى: مۇۋاپىق كۆز چىمىلدىتىش

ياش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ كۆز ئالمىسىنى سىلىقلاپ، شەيئىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈشكە پايدىلىق.

كونىلاردا كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى دەيدىغان گەپ بار، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆزنى ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك.

1. قانۇنىيەتلىك ئارام ئېلىش، كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش: ھەر بىر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، كۆزنى كومپيۇتېردىن ئايرىلىپ، ئەركىن ئارام ئالدۇرۇپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىش

2.  كومپيۇتېردىن قوغدىنىش كۆزەينىكىنى تاقاش، بۇ خىل ئۇسۇل كومپيۇتېرغا قارىغاندىكى كۆز ئېچىشىش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يوقىتىدۇ، يەنە كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىدۇ

3. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە ماددىلارنى تولۇقلاش، مەسىلەن: سىئانىدىن، مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدۇ

4. كىسانتوفىل، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسىنىڭ ھۈجەيرە پىگمېنتى ئوكسىدازانى قوغداش رولى بار


بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ

BiLDawa
بىلداۋا ساغلاملىق سالونىمىز سىزنى ئەڭ يىڭى رىتسىپلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سالونىمىز ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى.
 最新文章