ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
قان ئازلىققا شىپا بولدىغان رېتسىپلار
1)كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۈت ياكى سېرىق ماي ئىستېمال قىلىڭ.
2)ھەر ۋاقىتلىق تامىقىڭىزغا قېتىقنىڭ زەرداپ سۈيدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىڭ.
3)ئىلىكلىك سۆڭەكتە سۆڭەك شورپىسى تەييارلاپ ئىستېمال قىلىڭ.
4) بىر دانە تۇخۇم سېرىقىغا 20 گرام ئەتراپىدىكى ئىلكنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىڭ.
5)قوي جىگىرى، قوي قېرىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىڭ.
6) يېرىم جىڭ كالا سۈتىگە تۇخۇم سېرىقىدىن بىر دانە، قەنتتىن ئىككى دانە ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلىڭ.
7)كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئانار، يەر ياڭىقى(خاسىڭ) قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىڭ.
چىش ئاغىرقىغا شىپا بولدىغان رېتسىپلار
1) كونا ئوچاقنىڭ چالمىسىنى قىززىتىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۇدۇلىغا سىرتتىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ.
2) ئاغرىغان چىشقا كەپتەر باچكىسىنىڭ قېنىنى ئېقىتىڭ.
3) ۋاڭ ئۇرۇقى (ئىت ياڭقىنىڭ ئۇرۇقى)نى يۇمشاق تالقانلاپ ئاغرىغان چىشقا بېسىڭ.
ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار
1) ھەر قېتىم ئۇخلاشتىن بىر سائەت ئىلگىرى يەتتە دانە سوقا چىلاننى ئۇرۇقچىسى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىڭ.
2) كۈندە كەچ بىر قېتىم گۈل يېغى ياكى تاتلىق بادام يېغى بىلەن چېكە ئەتراپىڭىزنى ماڭلاڭ.
3)كۈندىلىك تامىقڭىزغا مۇۋاپىق مىقداردا تاتلىق بادام بېغى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىڭ.
4) كۈندە كەچ يېتىشنىڭ ئالدىدا تىزنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىنى يىلمان سۇغا 5 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە چىلاپ يۇيۇڭ.
5) تولۇق پىشقان ئاق ئۈجمە مۇرابباسىنى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گرامدىن 30 گرامغىچە ئىستېمال قىلىڭ.
تىرناق تۈۋى يىرىڭلىق ياللۇغىغا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار
1)ياللۇغلانغان بارماقنى كۈندە ئىككى قېتىم توخۇ ئۆتىگە چىلاپ بېرىڭ.
2)تۇخۇم شاكىلىنى سارغايغىچە قۇرۇپ، ئۇپا ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم جاراھەت يۈزىگە سىپىپ بېرىڭ.
يۈزدىكى ھەر خىل داغقا شىپا بولىدىغان رېتسىپلار
1) چىڭگىلىك ئوتنىڭ سۈتىنى (ئاق رەڭلىك سۇ )نى كۈندە بىر قانچە قېتىم داغ ئۈستىگە چېپىپ بېرىڭ.
2) يەرلىك سەۋزىنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە بىر قانچە قېتىم سەۋزە قاينىتىلغان سۇ ھورىدا يۈزىڭىزنى ھورلاندۇرۇڭ.