ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم بارغانسېرى ئاشتى، كىشىلەر ئەمدى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى شۇڭا بىز ماددىي ۋە مەنىۋى نەرسىلەرگە ئىنتىلىشكە باشلىدۇق بولۇپمۇ قىزلار، ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
ئەلۋەتتە، گۈزەللىكنى سۆيۈش ھېسسىياتى ھەممە ئادەمدە بولىدۇ، چىرايلىق ئادەملەر يېنىمىزدا بولسا كەيپىياتىمىزنى خۇشال قىلىدۇ، ھازىر گىرىم بۇيۇملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى يەنىلا ئادەمنى خاتىرجەم قىلالمايدۇ، قارىغۇلارچە قالايمىقان ئىشلىتىش تېرىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بىراق بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئشلارغا دېققەت قىلىپ، داۋاملاشتۇرالىساقلا بىزنىڭ بۇ باش قىتىنچىلقىز ھەل بولىشى مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان كىچىك تەپسىلاتلار بىزنىڭ تېرە ۋە بەدەن شەكلىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلامدۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق.
تۆۋەندە، تەھرىر گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللارغا قانداق قىلغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
سىز ھەركۈنى ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن پەقەت بۇ 3 ئىشنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىزلا تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كىتىسىز.
01
ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش
نۇرغۇن قىزلار سوغۇق سۇدا يۈز يۇيۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ ياز پەسلىدە سالقىن بولۇش ئۈچۈن، سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇيىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ بىزنى ناھايىتى تېز سەگەكلەشتۈرىدۇ، لېكىن تېرىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس.
چۈنكى يازدا يۈزىمىزدىكى ماي كۆپ بولىدۇ، سوغۇق سۇدا يۈزنى يۇغاندا تەر تۆشۈكچىلىرىمىز تارىيىپ، مايلارنى پاكىز يۇيۇش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، ئەگەر ئىلمان سۇدا يۈزنى يۇيساق، تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، ياغلار ئازىيىپ، تېرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.
02
ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش
بىز ئۇخلىغاندا بەدىنىمىز زەھەر ھەيدەش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدىنىمىزدە سۇ ئىنتايىن كەمچىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان، ئۈچەيمىزمۇ ئارام ئېلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچسەك، پەقەت سۇ تولۇقلاپلا قالماي، يەنە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
03
ئەتىگەندە ئاقسىل يېيىش
يىلنىڭ بېشى باھاردىن، كۈننىڭ بېشى سەھەردىن بولىدۇ، بەدەندىكى ئەزالار بىر كىچە ئىشلەش جەريانىدا بەدەن ئىنتايىن سۇ سىزلىنىپ ھەم ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەتىگەندە بىز تۇخۇم يەپ ياكى سۈت ئىچىپ بەرسەك بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بەدىنىمىز تېز سۈرئەتتە كېچىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئاقسىلنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ھەرگىز سەمرىپ كەتمەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ياخشى بولغان بەدەن ھالىتىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا پايدىلىق!