سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
دىۋىيا باھارتى ئۆز زامانىدىكى داڭلىق چولپان ئىدى. ئۇ قىسقىغىنە ئۈچ يىللىق ئېكران ھاياتىدا 20 فىلىمدە رول ئالغان. شاھرۇھ خان، رىشى كاپۇردەك داڭلىق چولپانلارمۇ ئۇنىڭ كەسپچانلىقىنى ماختايتتى. ئۇنىڭ بەشىنچى قەۋەتتىن بالكوندىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھەيرانلىقتىن ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالغان ئىدى. ئارقىدىن مۇخبىرلار بۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى دېيىشىتى ۋە شۇ پېتى بۇ ئىش ئاشكارىلانمىغان سىردەك تۇرىۋەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا دىۋىيانىڭ دادىسى بۇنى بىر ھادىسە دېگەن بولسىمۇ مۇخبىرلار ئىشەنمىگەن.
كۆپ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ئېكران ھەمراھى كامال سادانا ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسى ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىدى. كامال سادانا ئىككىسى كۆپ فىلىملەردە بىرگە رول ئالغان. يەنە كېلىپ ئىككىسىنى ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن ئىدى. خۇددى ئاغىنىلەردەك، ھەبىر ئىشىنى بىر-بىرىگە سۆزلەيدىغان، ھەمبەھىرلىنىدىغان.
بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇخبىرلارغىمۇ مەلۇم. شۇڭا ئۇنڭ ھەربىر سۆزىنى مۇخبىرلار قالدۇرماي خەۋەر قىلدى.
ئۇ: «دەسلەپتە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا چۆچۈپ كەتتىم. بۇ ماڭا بەك ئېغىر كەلدى. بەك ئازابلىنىپ كەتتىم. چۈنكى شۇ ئىشتىن ئۈچ بۇرۇنلا ئۇ مەن بىلەن بىرگە سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىدا ئىدى، ئۇلار ئۇنى ئۆلۈۋالدى دېدى. مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن» دېدى. ئارقىدىن ئۇ دىۋىيانى شىرىدېۋىنىڭ دورىيالايدىغان ئارتىس ئىدى دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ۋىدىيا يەنە بەك قىزىقچى يۇمۇرىستىك ئىكەن. ئۇ ئارقىدىن مۇخبىرلارغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن :
«مەن ئۇنى ئۆلۈۋالغان دېسە ئىشەنمەيمەن. مېنىڭچە بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئۇ زەھەرلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ھەرقېتىم ھاراق ئىچسىلا بىئارام بولاتتى. ئۇ ياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئارقىدىن قورسىقى بىئارام بولغىنىنى ئېيتىپ تازىلىق ئۆيىدىن چىقالمايتتى» دېدى.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا دادىسى: «ئۇ كۈنى ئۆيدىكى زىياپەت بىر يېرىم سائەتلا داۋاملاشتى. بىر يېرىم سائەت ئىچىدە ئۇ قانچىلىك ئىچمەكچى ئىدى» دەپ رەددىيە بەردى. ئەلۋەتتە ئۇ قىزىنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلگۈسى بار ئىدى.
ئارقىدىن كامال يەنە رەددىيە بېرىپ: «ئۇنىڭ يېڭىلا پۈتتۈرگەن كىنوسى مۇۋەپپقىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى يېڭىلا بىر فىلىمدە باش رول ئېلىشقا توختاملاشقان ئىدى. ئۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ» دېدى.
ئارقىدىن دادىسى شۇ كۈنى ئىشلارنى ئاشكارىلاپ: «شۇنداق، ئۇ ئۆلۈۋالمىدى. ئۇ كۈنى ئىككى سائەتمۇ داۋاملاشمىغان زىياپەتتە ئۇ كۆپ ئىچمىدى. ئۆلۈۋالغان دېيىشىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئىدى. ھەرگىزمۇ مۇخبىرلار پەرەز قىلغاندەك بېسىم ئىچىدە ئەمەس ئىدى. بېسىم بار دېيىلسە ئۇ توختىماي بىزنىلا خاپا قىلاتىتى، جىلە قىلاتتى. شۇڭا ئەسلى بېسىم ھېس قىلىدىغان كىشى بىز> دېدى. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى ئاچچىقى بىلەن دېگەن بولسىمۇ قىزىغا چىدىمايۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.»
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ شۇ كۈنى دەرىزە تەكچىسىدە بىردەم ئولتۇرۇپلا ئارقىدىن سېرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنادا قىزلارلا بار ئىدى. پەستە ھەركۈنى ماشىنىلار توختىتىغلىق تۇراتتى. ئەمما شۇ كۈنى بىرىمۇ يوق. ئۇ ئۇدۇللا يەرگە چۈشۈپ يىقىلدى. مەن چۈشكەندە جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى» دېدى. ھاراق ئىچىپ زەھەرلىنىپ يىقىلغان بولسىمۇ قىزىقلا ئىشتە بۇ؟ دەپ كەلسەك، بەشىنچى قەۋەتتىن يىقىلسا ئەسلى ئېغىر يارىلىنىپ ساق قالسا بولاتتى. گۈزەل ياش چولپاننىڭ بۇ ئۆلۈمى بوللىۋۇدتىكى مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ قالارمۇ؟
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار