يۈرەك بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا، ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. يۈرەك كېچە-كۈندۈز توختىماي بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قان ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى پۈتۈن كۈن ئېنېرگىيە مېتابولىزمى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر ئېنېرگىيە مېتابولىزمىدىكى زىيانلىق ماددىلار ۋاقتىدا تازىلانمىسا، يۈرەك زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بۈگۈن كۆپچىلىككە يۈرەكنىڭ زىيانلىق ماددىلارنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۈرەكنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بەش خىل يېمەكلىك تونۇشتۇرىمىز.
01
ئەينۇلا
ئەينۇلا تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار.
ئامېرىكا جەمئىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينۇلادىكى مول ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ يۈرەك قان تومۇرىدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنىڭ توپلىنىشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە سەكتە بولۇش خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىكەن.
ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىنسانلار ئوزۇقلۇق مەركىزىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، باشقا 40 خىل يېڭى مېۋە ۋە كۆكتات بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەينۇلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ئەركىن رادىكال دەپ ئاتىلىدىغان زىيانلىق مېتابولىزم قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى نېيتراللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئەركىن رادىكال راك كېسىلى ۋە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەينۇلا يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
02
سالمون بېلىقى
سالمون بېلىق (شۇنىڭدەك ماككېرېل بېلىقى، سېلد بېلىقى ۋە ساردىنا بېلىقى) قاتارلىق مايلىق بېلىق تۈرلىرىنىڭ تەركىبىدە omega-3 ياغ كىسلاتاسى (يەنى دائىم دېيىلىدىغان چوڭقۇر دېڭىز بېلىق مېيى) بار. بۇ خىل ياغ كىسلاتاسى بەدەندىكى ترى گلىتسېرىد (يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابېت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قاندىكى ماي مىقدارى) سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، omega-3 ياغ كىسلاتاسى قان پىلاستىنكىلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ئارتېرىيە دىۋارىغا يېپىشتۇرۇپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم بېلىق يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بولۇپمۇ سالمون بېلىققا ئوخشاش مايلىق بېلىق.
03
دادۇر ئاقسىلى
دادۇر ئاقسىلى تەركىبىدە omega-3 ياغ كىسلاتاسى، ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ، قىزىل گۆشنىڭ ياخشى سەپلىمە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن گۆش تۈرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ياغ مىقدارىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن، تالا مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ ساغلام يېمەكلىكى.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى خولېستېرىنلىق كىشىلەر ئارىسىدا دادۇر بىلەن ساغلام بولغان ماي تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بىر نەچچە خىل خولېستېرىنغا قارشى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەر دورا ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرگە ئوخشاش خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.
ئامېرىكا يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 30 گرام دادۇر ئاقسىلى يىيشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، سويا پۇرچاق، سويا پۇرچاق قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى، پۇرچاق سۈتى، دادۇر تالقىنى، دانلىق زىرائەت، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسى ۋە دۇفۇدىن دادۇر ئاقسىلىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.
04
سۇلۇ يارمىسى
يېرىم ئىستاكان سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە تەخمىنەن 130 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇلۇ يارمىسى يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق تالا بىلەن تەمىنلەپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام سەۋىيەدە ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
سۇلۇ يارمىسىنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى شۇكى، ئۇ سىزدە قورساق تويغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا سىز ساغلام بولمىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايسىز. سۇلۇ ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەر، مەسىلەن، پۈتۈن بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، تېرىق، لويلا بۇغدىيى، يىرىك گۈرۈچ ۋە ياۋا شاللار قاتارلىقلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار، دىيابېت كېسىلى ئەسلىدىنلا يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى.
05
پالەك
بۇ خىل قېنىق يېشىل رەڭلى، يوپۇرماقلىق كۆكتات تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭمۇ مول بولغان omega-3 ياغ كىسلاتاسى بار .
پالەكنىڭ تەركىبىدە يەنە فولىك كىسلاتاسى مول. فولىك كىسلاتا قاندىكى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ ئوخشاش تىپلىق سىستېئىن سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. «يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغان يېڭى خەۋپ – خەتەر ئامىلى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئوخشاش تىپلىق سىستېئىن.
كۆپچىلىكنىڭ ھەر كۈنى 50 گىرام قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلارنى يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۈگۈنكى مەزمۇنلارنى ياقتۇردىڭىزمۇ