سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا نېتفلىكس يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم «مارتا» (Martha)نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئائىلە ئىشلىرى خانىشى مارتا سىتېۋارتنىڭ ھېكايىسى سۆزلىنىدۇ.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ئۇنى ھەم ياخشى كۆرۈپ، ھەم نەپرەتلىنىپ كەلگەن، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ كۆيۈۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى ئىنكار قىلمىغان.
ئۇ ئىلگىرى تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق مودېل ئىدى، كېيىن دېڭىزغا چۈشۈپ سودا قىلىپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنى يارىتىپ مىلياردېرغا ئايلانغان، ھەتتا تۈرمىگە كىرىپ قالغان، يەنە جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرگەن.
ھازىر، مارتا 80 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا «قېرىلىقىغا تەن بەرمەي» ياشىماقتا.
1941-يىلى مارتا يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات ئەمەس بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى سەككىز جان كىچىك تۇرالغۇدا قىستىلىشىپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ مىجەزى چۇس، ھاراقكەش بولۇپ، تۇرمۇشىنى قامدىيالمايلا قالماستىن، ئالتە بالىسىنى پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇرلىغان، يەنە ئازراق كۆڭۈلسىزلىك بولسىلا ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇشت ئاتقان.
بۇ ئائىلىنىڭ ئىككىنچى قىزى بولغان مارتا دادىسىنى «ئازراق رازى قىلالايدىغان» بىردىنبىر بالا ئىدى. دېمەك، مارتا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇ دادىسىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، تاماق ئېتىشنى، تىككۈچىلىكنى، باغۋەنچىلىكنى ئۆگەنگەن، يەنە تېخى ھەر كۈنى كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى جايىدا دەزماللىغان.
لېكىن، بۇ ئۇنىڭ بۇ ئائىلىگە قانچىلىك مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ پەقەت بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇ ئۆيدىن ئايرىلماقچى.
ئۇ بوش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، يەنە قوشۇمچە مودېللىق قىلىپ پۇل تاپقان، ئىلگىرى شەنېلنىڭ مودېلى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، مارتا ئۆزىنىڭ ئەلا نەتىجىسى ۋە تاپقان پۇلىغا تايىنىپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق قىزلار شۆيۈەنى بارنارد شۆيۈەنىگە قوبۇل قىلىنىپ، سانسىزلىغان باي قىزلار بىلەن ساۋاقداش بولغان.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسۋىرلىشىدە، ئۇ مەڭگۈ توختىماي كۆيىدىغان ئادەم بولۇپ، تېخىمۇ ئېگىز جايغا يامىشىشقا ئىنتىلىپ كەلگەن.
«ئۇ ھەممە نەرسىگە تەلپۈنىدۇ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى كۆڭۈل قويۇپ يارىتىدۇ، توسقۇنلۇق قىلغان ھەرقانداق ئادەمگە قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. سىز بەلكىم ئۇنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئۇنىڭ غايىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئايال پادىشاھقا ئايلىنىشىغا قاراپ مېڭىشى يەنىلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.»
20 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ كېيىنكى «پۇرسەت»نى چىڭ تۇتقان، يەنى يالې داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىدىكى ئاندرېۋ سىتېۋارتنى كەلتۈرۈۋالغان.
ئۇ ئىككىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كەچلىك تاماق ئۇچرىشىشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ ناھايىتى ئەدەپلىك، كېلىشكەن، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ باققان، بۇنداق پىشقان يىگىتنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ ھەتتا بىر ئامېرىكا تېز يەتكۈزۈش كارتىسى بار ئىدى، ئۇ ئەينى چاغدا بەك چوڭ ئىش ئىدى، كەچلىك تاماق ئاخىرلاشقاندا، مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم.»
ئۇنىڭ جەزبىدارلىقىمۇ ئاندرېۋنى مەپتۇن قىلغان، ئاندرېۋ ناھايىتى تېزلا مارتاغا توي تەكلىپى قويغان.
مارتا ئۆيگە قايتىپ دادىسىغا ئېيتقاندا، دادىسى بۇ ئىشقا قوشۇلمىغان، قىزىنىڭ ئاندرېۋ بىلەن توي قىلىشىغا يول قويمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالغان. لېكىن مارتا ئۇنىڭ ئىنكاسىدىن قىلچە ھەيران قالمىغان: «چۈنكى ئۇ جاھىل، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ بىپەرۋا. مەن ئۆزۈمگە، دادام قانداق ئويلىسۇن، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن، دېدىم.»
1961-يىلى 20 ياشلىق مارتا توي قىلغان.
«بۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى.»
مارتا ئاندرېۋ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ كىرىپ، كېيىنكى يىلى بارنارد شۆيۈەنىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تارىخ ۋە بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان. يولدىشى ئاندرېۋ بولسا قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن يەنە نەشرىياتچىلىق كەسپىگە يۆتكەلگەن.
1965-يىلى بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر بالىسى-قىزى ئالېكسا سىتېۋارتنى كۈتۈۋالغان.
لېكىن، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئائىلە ئايالى بولماي، ئەكسىچە، قىزى ئىككى ياشقا كىرگەندە، ۋال كوچىسىغا كىرىپ، ئورگان پاي چېكى ۋاسىتىچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
ئۇ شىركەتتىكى بىردىنبىر ئايال، لېكىن جىنسىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، شىركەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەتچىسى بولۇپ قالغان، ئەينى چاغدا يىللىق مائاشى نەچچە يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى.
«بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقىي باشتىن كەچۈردۇق. سىز <ۋال كوچىسى> دېگەن كىنونى كۆرگەنمۇ؟ مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. ۋال كوچىسىدىكى ھەر بىر ئەرنىڭ سىزگە ئېرىشكۈسى كېلىدۇ، تاكسىدا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سىزگە تېگىشنى ئويلايدۇ. سىز چوقۇم سوغۇققان بولۇشىڭىز، ئۆز ئىشىڭىزغا دىققەت قىلىشىڭىز، ئۇ قىلمىشلارغا پەرۋا قىلماسلىقىڭىز كېرەك.»
ئۇ ئەينى چاغدا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پاي چېكى بېدىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، لېكىن 1972-يىلى ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىپ، پاي چېكى بازىرى كاساتلىشىپ كەتكەن. بىر تۈرلۈك مەغلۇپ بولغان تەكلىپ ئۇنى شەرمەندە قىلغان، يولدىشىنىڭ شىركىتىمۇ تاقىلىپ قالغان. ئۇلار ئۆينى رەنىگە قويۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئازغىنە يىغقان پۇلى بىلەن شەھەر ئەتراپىدىن تاشلىنىپ قالغان بىر دېھقاننىڭ ئۆيىنى سېتىۋالغان.
بۇ يەر ئۇنىڭ ئۈچىنچى كەسپىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
«مەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، ماڭا نىسبەتەن ئائىلە ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋال كوچىسىدىكى كۈنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆڭۈللۈك.»
ئۇ بۇ لىڭشىپ قالغان ئۆينى رېمونت قىلىشتىن باشلاپ، بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىغان، توخۇ، ئۆردەك باققان، رىسالىلەرنى تەتقىق قىلغان، تاماق ئەتكەن.
ئالاقە تورى يوق ئاشۇ يىللاردا، ئۇ يېزىدا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، تۇرمۇشىنى تەرتىپلىك باشقۇرۇپ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن. دوستلىرى ئۇنى ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ-پىكىر بەرگۈزگەن، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغۇزغان، يېمەك-ئىچمەك تەييارلاتقۇزغان.
بارا-بارا ئۇنىڭ نامى چىقىپ، سودىسى بارغانسېرى زورايغان، تەسىر كۈچىمۇ بارغانسېرى كېڭەيگەن.
1982-يىلى مارتا ئۆزىنىڭ تۇنجى كىتابى «مېھمان كۈتۈش» (美食飨客)نى نەشر قىلدۇرغان، بۇ كىتاب چوڭ-كىچىك يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئائىت مۇكەممەل قوللانما.
بۇ كىتابقا نەپىس رەڭلىك سۈرەتلەر ۋە ھېكايىلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق «رىسالىلەر»نىڭ قېلىپى، بارلىق ئائىلىلەرنىڭ زۆرۈر كىتابى بولۇپ قالغان.
ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى «ئائىلە مۇلازىمەتچىسى»، تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى «تۇرمۇش ئۇسۇلى باشلامچىسى».
نام-ئاتاقنىڭ ئۈزۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىسىمنىڭ سودا قىممىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاشقان.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە، مارتا بىر كۆپ ۋاسىتىلىق ئىمپېرىيەنىڭ يادرولۇق شەخسىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ ماركىسى ئالىيجاناب تۇرمۇش ئۇسۇلىغا سىمۋول قىلىنغان، بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى مۇمكىن.
1999-يىلى ئۇنىڭ شىركىتى نيۇيوركتا رەسمىي پاي چېكىنى بازارغا سالغان، تۇنجى كۈنى ھەر بىر پاينىڭ باھاسى 18 دوللاردىن 35.56 دوللارغا ئۆسكەن، ئۇنىڭ قىممىتىمۇ 1 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىدىكى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن تۇنجى ئايال مىلياردېرغا ئايلانغان.
«كىشىلەر مېنى ئائىلە ئايالى دەپ سۆكتى، لېكىن مەن زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟ مەن بىر خىل ئۇزۇندىن بۇيان سەل قارالغان ۋە كەمسىتىلگەن تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتىم. مېنىڭچە، مەن ئەمەلىيەتتە بىر ھازىرقى زامان ئاياللار ھوقۇقى تەرەپدارى.»
مارتانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نىشانى ئۆي ئىشلىرىنى ھەقىقىي قىممىتى بار سودىغا ئايلاندۇرغان.
ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىغان، 2003-يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاۋارىچىلىققا يولۇققان.
مارتا بىر پاي چېكى سودىسى سەتچىلىكىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تاراتقۇلار ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، لېكىن ئۇ بۇ كەچۈرمىشكە پىسەنت قىلمىغان.
ئۇ تۈرمىدە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىلا باياشات ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىداشلىرىغا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئارقىلىق تۈرمىدىكى تەمسىز يېمەكلىكلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگەتكەن، يوگا سىنىپى ئاچقان، ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن، ھەتتا «تۈرمە»دىمۇ ئايال پادىشاھقا ئايلانغان.
مارتا بۇ كەچۈرمىشنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. سوت قىلىش ۋە ئەمەلىي قاماش ۋاقتى مېنىڭ 83 يىللىق ھاياتىمدىكى ئىككى يىلغا يەتمەيدۇ. راست گەپ قىلسام، مەن ئۇنى بىر قېتىملىق دەم ئېلىش دەپ قارايمەن.»
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ توختىماي يەنە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 2006-يىلى ئۇنىڭ شىركىتى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىققان، شەخسىي بايلىقىمۇ 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سودا ئېمپىرىيەسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېڭى شەيئىلەرنى ئۈزۈكسىز سىناپ باققان.
2022-يىلى ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ پودكاستىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان، يەنە تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئاشخانىسىنى ئاچقان.
2023-يىلى ئۇ يەنە دەرس تەسىس قىلىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزىنىڭ بىر كۈنىنى تونۇتقان، بۇنىڭ بىلەن مەستانىلەر ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشەنگەن.
2024-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ 100-كىتابى «مارتا: تائام رىسالىسى» (玛莎:食谱)نى نەشر قىلدۇرغان، بۇ كىتابتا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان 100 خىل رىسالە بار.
ھازىر، 83 ياشقا كىرگەن مارتا يەنىلا جانلىق.
نامرات ئائىلىنىڭ كىچىك قىزىدىن داڭلىق مودېلغىچە، ۋال كوچىسىدىكى سودىگەردىن ئائىلە ئىشلىرى خانىشىغىچە، قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن مىلياردېردىن سودا ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسىغىچە، ئۇ سانسىز قېتىم قايتا يولغا چىقىپ، ھەقىقىي قەيسەرلىك ۋە تىز پۈكمەسلىكنى نامايان قىلغان. ئۇ يىقىلىدۇ، يامىشىدۇ، يەنە چاقنايدۇ.
قەلبتىكى ئاشۇ ئىشەنچ ئۆچمىسىلا، ھاياتتىكى ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولالايدۇ.