سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
مەن مۇنداق ئۈچ كىشىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۆزۈمدىن مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى، ئىككىنچىسى مېنى ئۆزىدەك مۇنەۋۋەر قىلالايدىغان كىشىلەرنى، ئۈچىنچىسى مەن بىلەن تەڭ تىرىشىپ مۇنەۋۋەر بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنى.
سالاپەت ھېچقاچان مودىدىن قالمايدىغان بىر گۈزەللىك. قانداق كىيىم كىيگەنلىكىڭىز ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئەمما سالاپىتىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە قالىدۇ.
جەلىپكارلىق تاشقى قىياپەتتىن ئەمەس، ئىچىڭىزدىكى گۈزەل ئۆزىڭىزدىن كېلىدۇ.
خوشاللىقنى بەزىدە باشقىلار بېرەلەيدۇ. ئەمما سىز گويا نۇردەك خوشاللىق تارقىتالىسىڭىز، دەل ئۆزىڭىز خوشاللىقنىڭ مەنبەسى.
گۈزەللىك بىر خاس ئالاھىدىلىك ئەمەس، ئۇ ئەقىل بىلەن تەڭ يۇغۇرۇلغان بولىدۇ.
مەن ناھايىتى تەلەيلىك. چۈنكى پۇرسەت ناھايىتى ئاز بولسىمۇ مەن ئۇنى ھەمىشە دەل ۋاقتىدا تۇتۇۋالدىم.
مەن سۇس ھالرەڭنىڭ ئاياللارغا تېخىمۇ بەك گۈزەللىك بېغىشلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە ئۇ نازۇكلۇقنىڭ ۋەكىلى.
ئادەمدە مۇنداق بىر قابىلىيەت بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ قابىلىيتىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىش، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالايدىغان بولۇش، ئۆزىنى دوغا تىكەلەيدىغان بولۇش، ئەمما مەڭگۈ باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمەسلىك.
بىرىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن باھاسىدىن
ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بىلىۋالالايسىز. ئۇ گېپىنى قىلۋاتقان كىشىنىڭ ئەمەس. قانداق سىلەرگە يارىدىمۇ؟ ئۇ راستلا گۈزەللىكنىڭ سېمۋولى شۇنداقمۇ؟
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار