ئېگىزدىن نەرسە تاشلىغان ئەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

时事   2024-10-22 21:10   北京  

ئېگىزدىن نەرسە تاشلاپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جوۋ XXقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى!

 مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 21- كۈنى سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جوۋ XX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش بويىچە ئۆلۈم جازاسىنى قايتا قاراپ چىقىش دېلوسىغا قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىپ، جوۋ XXقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەستىقلاپ، دەرھال ئىجرا قىلغان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تارقاتقان ئۆلۈم جازاسىنى قايتا تەكشۈرۈش كېسىمىگە ئاساسەن،21-چېسلا، جوۋ XXقا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

2023- يىل 6- ئايدا، 28 ياشلىق قىز شياۋ لوۋ جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىدىكى بىر كەچلىك بازاردىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدا جوۋ XX ئېگىز بوشلۇقتىن تاشلىغان خىش سوقۇۋېتىپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن.  بۇ ئەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېگىز بىنادىن سىرتقا تاشلىغان ئىككى چېلەك بەش لىتىرلىق سۇ، ئۈچ قۇتا پېچىتى ئېچىلمىغان كولا باشقا ئىككىيلەنگە تەگكەن. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جوۋ XXقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە دەپنە پۇلى قاتارلىق 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلەپ بېرىلگەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章