تەخمىنەن 42 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ، 100 مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلاندى

时事   2024-10-17 17:11   北京  

يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ بىر يىللىقىدا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە: خەلق تورى


يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توپتوغرا بىر يىل داۋاملاشتى. يېقىندا، يەر شارىدىكى نۇرغۇن جايلاردىكى ئامما كوچىلارغا چىقىپ، پەلەستىننىڭ غەزە رايونى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، نيۇيورك، لوس ئانژىلىس قاتارلىق جايلىرىدا 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. غەزەپلەنگەن مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئاقساراينىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى زاھىد خاتىبنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشى ئۇنىڭ تارىخنىڭ قايسى تەرەپتە تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ رەزىل قىلمىشىنىڭ شېرىكى» دېدى.

ئۆتكەن ئىككى كۈندە، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن، ئەنگىلىيە پايتەختى لوندون، فىرانسىيە پايتەختى پارىژ ۋە ئىتالىيە پايتەختى رىمدىمۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بېرلىندا ئامما 10-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئىرقىي يوقىتىشقا قارشى تۇرۇش» نامايىشىدا «ئىرقىي يوقىتىشنى ئاقلاشقا ھېچقانداق باھانە يوق» دەپ توۋلاپ، ئىسرائىلىيەدىن غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 3500 ئادەم نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىزىمغا ئالدۇرغانلار سانىدىن مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېشىپ كەتكەن.

پەلەستىن غەزە رايونى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەزە رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە پەلەستىندە تەخمىنەن 42 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ، 100 مىڭغا يېقىن ئادەم يارىلانغان. غەزە رايونىدىكى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇس ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى ئامما ئۇرۇش ئوتى سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانسىز قالغان.

لىۋاندا بۇلتۇر 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، جېنجۇداڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشىدا لىۋاندا ئىككى مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى، 9 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، يەنە نەچچە مىليون ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章