خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى پائالىيىتى باشلاندى

时事   2024-10-16 19:40   北京  


2024-يىللىق كۈزلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى پائالىيىتى باشلاندى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەش ۋە كارخانىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىشىپ «2024-يىللىق كۈزلۈك خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ئېيى پائالىيىتى»نى يولغا قويدى. پائالىيەت بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، مۇلازىمەت ئوبيېكتى پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، تىزىمغا ئالدۇرغان ئىشسىزلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پائالىيەت مەزگىلىدە جايلار تور سىرتىدا تۈرلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىش ئورنىغا يېتەكلەش قاتارلىق توردا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنى دەرقەملىك تېز تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ھەمدە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قاراتمىلىق كەسپىي يېتەكچىلىك، ھوقۇق-مەنپەئەت كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. جايلار ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختا تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، جىنس، ياش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش ۋە نامۇۋاپىق چەكلىمە قويۇش قىلمىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ.

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئاممىۋى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تورى (www.job.mohrss.gov.cn)غا تايىنىپ «2024-يىللىق كۈزلۈك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى» تور ئاساسىي يىغىن مەيدانىنى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تور سۇپىسى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىختىساسلىقلار تورى (zhaopin.gslhr.org.cn)، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى ۋە تەربىيەلەش سۇپىسى (https://px.chinanpo.mca.gov.cn/zp.html) ۋە جايلاردىكى شۆبە يىغىن مەيدانىنى تۇتاشتۇرۇپ، قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章