بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس

时事   2024-10-23 09:30   北京  

«قارار»نى ئۆگىنىشتىن ھەر كۈنى بىر سوئال-جاۋاب

بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قانداق چۈشىنىش كېرەك

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بايلىق جۇغلاش خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. «ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى»دا «بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ بايلىق جۇغلىشىنىڭ ئادىللىقى ۋە سىجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېنىق تەلەپلەرنى قويدى.

ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ بايلىق يارىتىش پۇرسىتى، يوللىرى زور دەرىجىدە ئاشتى، بايلىق جۇغلاش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ماددىي ئاساسىنى كۈچلۈك پۇختىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى بايلىق جۇغلاش ۋاسىتىلىرى قېلىپلاشماسلىق، بايلىق بۆلۈنۈش، ھەتتا بايلىققا قانۇنسىز ئېرىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، يەنە پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سىياسىي مەسىلە. بىز باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا، نامراتلار بارغانسېرى نامراتلىشىپ، بايلارنىڭ بارغانسېرى باي بولۇشىغا ھەرگىز يول قويالمايمىز، بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا بولسا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. «قارار»دا، بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش  باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

بىرىنچى، بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا ئالاقىدار تونۇشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەش ئەمەس، شۇنداقلا بايلىقنى ئوتتۇرىچەلەشتۈرۈشمۇ ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئىشچانلىق بىلەن بېيىش، قانۇنلۇق بايلىق توپلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئالدىنقى شەرتىدە، قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن بېيىشقا زەربە بېرىپ، غەيرىي مېخانىزم ئارقىلىق «تۇيۇقسىز بېيىپ كېتىش»نى تىزگىنلەپ، ئاھالىلەر بايلىقىنىڭ نورمال، قانۇنلۇق ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى قانۇنلۇق ئاشۇرۇپ، بايلىق جۇغلاشقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئاكتىپ، ساغلام ۋە ئەقلىي بايلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچانلىق بىلەن بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇش، قانۇنلۇق تىجارەت ئارقىلىق بايلىقنى ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەمگەك ۋە ئامىل كىرىمىنى قوغداپ، ئاھالىلەرنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنى قوغداش كېرەك. كاپىتالغا ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپىتالنىڭ يۈرۈشۈشىنى تولۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئادىل رىقابەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مونوپول قىلىش، نامۇۋاپىق رىقابەتلىشىش، بازاردىكى كونتروللۇق ئورنىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق تەرتىپسىز قىلمىشلارغا بولغان قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كاپىتال ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنسىز كىرىمنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، ھوقۇق-پۇل سودىسىنى قەتئىي چەكلەپ، يەڭ ئىچىدە سودىلىشىش، پاي بازىرىنى كونترول قىلىۋېلىش، مالىيەدە ساختىلىق قىلىش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش ھەمدە «قۇرۇق پاي»نى ئىلكىدە تۇتۇش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر پاي چېكىنى يوشۇرۇن ئىلكىدە تۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قانۇنسىز كىرىمگە ئېرىشىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى، بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ۋە بايلىقنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دەسلەپكى تەقسىمات جەھەتتە، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ خەلق كىرىمى تەقسىماتىدىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتتىكى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەك بىلەن كاپىتال تەقسىماتىدىكى پەرقنىڭ زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەمگەككە قاراپ تەقسىملەشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكىسى يۇقىرىلار كۆپ ئېرىشىش، ئەمگەكنى كۆپ قىلغانلار كۆپ ئېرىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئامىللار بويىچە تەقسىم قىلىش سىياسەت-تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۆپ خىل يوللار بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بەلگىلەش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ مائاشى، ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق بېكىتىش ۋە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. قايتا تەقسىمات جەھەتتە، باج يىغىش-تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، باج تۈزۈمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەخسىي تاپاۋەت بېجى، ئىستېمال بېجى، مال-مۈلۈك بېجى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي ياردەم، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۆتكەپ چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، رايونلار ئارىسىدىكى «ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارنى يېتەكلەش» سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىمات جەھەتتە، ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، خەيرىيەت ئىئانە ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەيرىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ ئاھالىلەرنىڭ بايلىقىنى تەڭشەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، بايلىق جۇغلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، چېتىلىدىغان تارماقلار كۆپ، چېتىلىدىغان مەنپەئەتنىڭ دائىرىسى كەڭ، شۇڭا بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئەتراپلىق، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى باشلامچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، باج، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىن كۆرەرلىك، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولغاندا نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالاقىدار سىياسەت تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە سىستېمىنى توپلاشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ئومۇملۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى چىقىرىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا تېخىمۇ زور زېھنىنى سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章