سوقۇشقاندا بۇ گەپلەرنى ھەرگىز قىلماڭ

时事   2024-10-17 23:50   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




吵架的时候,千万别说这句话

سوقۇشقاندا بۇ گەپلەرنى ھەرگىز قىلماڭ



ღ ღ ღ


每天做完手头的事情,我会关了电脑,不带手机,下楼去躲一会儿清净。

ھەر كۈنى قولۇمدىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ، كومپيۇتېرنى تاقىغاندىن كېيىن، يانفونۇمنى ئالماي پەسكە چۈشۈپ بىردەم تىنچلىنىمەن.

老家的房子,临街,前面宽敞,每天都有很多人在门口闲聊。我每次下去就会站在那里听一会儿。

يۇرتۇمدىكى ئۆيۈم كوچىغا يانداش بولۇپ، ئالدى كەڭ-كۇشادە، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ پارااڭ سېلىشىدۇ، مەنمۇ ھەر قېتىم پەسكە چۈشكەندە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ بىردەم پاراڭ ئاڭلايمەن.

一般来的,都是在家带孩子的家庭主妇,她们在一起,聊得最多的当然就是老公孩子。

بۇ يەرگە توپلىشىدىغانلار ئادەتتە بالىسىغا قارايدىغان ئائىلە ئاياللىرى بولۇپ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلسا ئەڭ كۆپ گېپىنى قىلىدىغىنى، ئەلۋەتتە، يولدىشى بىلەن بالىلىرى بولىدۇ.

其中有一个大家都叫她王姐,年龄不大,说话却很泼辣,什么都敢说。经常传授驭夫之术,每次说的大家都点头称赞,说她高明。

بۇلارنىڭ ئارىسىدا «ۋاڭ ئاچا» دەيدىغان بىرەيلەن بار بولۇپ، يېشى چوڭ بولمىسىمۇ، گەپنى بەك كەسكىن قىلىدۇ، ھەرقانداق گەپنى قىلىشتىن يانمايدۇ. ئۇ دائىم ئەتراپىدىكىلەرگە يولدىشىنى بويسۇندۇرۇش توغرىسىدا تەلىم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ توختىماي ماختىشىغا ئېرىشىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنى «ئەقىللىق» دېيىشىپ كېتىدۇ.

有次我下去,正听到王姐讲她和老公吵架。她非常恼怒,向大家学着老公的说辞。老公说她太长舌,什么都往外说,让她收敛一下,并且说她太唠叨,太挑剔,总是嫌弃东嫌弃西的。

بىر قېتىم پەسكە چۈشكەندە ۋاڭ ئاچىنىڭ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ يولدىشى بىلەن سوقۇشۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولۇپ، كۆپچىلىككە يولدىشىنى دوراپ بېرىۋاتاتتى. يولدىشى ئۇنى: «ئۇششاق سۆز، ھەممىنى سىرتقا يايىدىغان ئايالكەنسەن، تىلىڭنى يىغىپ يۈر» دەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بەكلا كوت-كوتلۇقى، بەك قۇسۇر ئىزدەيدىغانلىقى، ھەمىشە ئۇنى-بۇنى ياراتمايلا يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

她老公还说,都这么多年了,你怎么就改不了呢?反正就是一副恨铁不成钢的样子,挑剔她各种毛病。

ئۇنىڭ يولدىشى يەنە: «شۇنچە يىل بولدى، نېمىشقا ئۆزگەرتمەيسەن؟» دەيدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇ يولدىشىغا بەكلا سەت كۆرۈنۈپ قالغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن ھەرخىل قۇسۇرلارنى ئىزدەيدۇ.

关键是,这些挑剔还挺有理的,王姐根本无法反驳,而且自己也知道,这些毛病确实不好。

مۇھىمى، ئۇ تاپقان قۇسۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى بولغانلىقتىن، ۋاڭ ئاچا رەددىيە بىلدۈرۈشكە چارىسىز قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قۇسۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەسلىكىنى ئۆزىمۇ بىلىدۇ.

但她认为自己改不了,也不想去改,所以两个人为这事儿吵得不可开交。最后王姐急中生智,大吼了一句:嫌我不好,当初干吗要和我结婚?

بىراق، ئۇ «ئۆزگەرتەلمەيمەن» دەپ قارىغانلىقى ھەمدە ئۆزگەرتىشنىمۇ خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىككەيلەن مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئاجراتقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سوقۇشۇپ كېتىدۇ، ئاخىرىدا، ۋاڭ ئاچا جىددىي پەيتتە ئەقىل تېپىپ مۇنداق ۋارقىرايدۇ: «مېنى يامان دېگەن ئادەم ئەينى چاغدا نېمىشقا مەن بىلەن توي قىلغان؟».

这句话一出口,老公就接不下去了。

بۇ گەپ چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ يولدىشى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

这一轮吵架,王姐胜出。

شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىملىق سوقۇشۇشتا ۋاڭ ئاچا يېڭىدۇ.

既然这一招如此管用,王姐当然就一用再用了。以后每次吵架,就算不是吵架,只是正常的说话,反正只要老公说她哪里不好,她就呛一句:那你当初干吗要娶我?

بۇ چارە شۇنچىۋالا ئۈنۈملۈك بولغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئاچا ئەلۋەتتە قايتا-قايتا پايدىلىنىدۇ-دە. شۇنداق قىلىپ، كېيىنكى قېتىملاردا سوقۇشۇپ قالسا ياكى سوقۇشماي ئادەتتىكىچە پاراڭلاشقاندىمۇ، يولدىشى ئۇنىڭ بىرەر تەرىپىنى ياخشى ئەمەس دەپلا قويسا، ئۇ دەرھال: «ئەينى چاغدا نېمىشقا مېنى ئالغان؟» دەپ ۋارقىرايدۇ.

每次这句话一说出口,她老公就哑口无言。

ھەر قېتىم مۇشۇ گەپ دېيىلىشى بىلەنلا يولدىشىنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىدۇ.

听她讲故事的女人们都拍手叫好:这句话实在太高明了,以后我们也要学起来。

ئەتراپتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ چاۋاك چالغىنىچە بارىكاللا ئېيتىشتى: «بۇ گەپ بەكلا دانالىق بىلەن ئېيتىلىپتۇ، بىزمۇ ئۆگىنىۋالساق بولغۇدەك».

王姐笑得一脸得意,估计觉得自己特别精明。

بۇنىڭدىن ۋاڭ ئاچا ئۆزىنى بەك ئەقىللىق ھېس قىلغان بولسا كېرەك، مەغرۇرانە كۈلۈپ قويدى.

我也觉得她特别精明,因为她不知不觉地偷换了概念。

مەنمۇ ئۇنى بەكلا ئەقىللىق دەپ قارىدىم. چۈنكى، ئۇ ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ئۇقۇملارنى ساختىلاشتۇرۇۋەتكەنىدى.

我不好,你当初为什么要娶我?这逻辑粗看很对,细想就有问题。难道娶了你,就不能说你任何不好吗?

«ئەسكى بولسام، ئەينى چاغدا نېمىشقا مېنى ئالغان؟» دېگەن بۇ جۈملىنىڭ لوگىكىسى مۇنداقلا ئاڭلىماققا ناھايىتى توغرىدەك بىلىنىسىمۇ، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىسا مەسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەجىبا، سىزنى ئالسام ھېچقانداق يامان گېپىڭىزنى قىلسام بولمامدۇ؟

作为夫妻,难道没有帮你指出问题甚至帮你改正的义务吗?

ئەر-ئايال بولغاندىن كېيىن، ئەجىبا سىزگە ياردەملىشىپ مەسىلىنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەتتا سىزنىڭ ئۆزگەرتىشىڭىزگە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىم يوقمۇ؟

拿着偷换了概念的这句话当挡箭牌,阻止别人说自己,也让自己心安理得地不改正缺点,短时间内确实能堵住别人的嘴,让自己有一种胜利的快感,但是同时也关闭了夫妻之间沟通的渠道,最终只会让问题越积越多。

كىشى ئۇقۇم ساختىلاشتۇرۇلغان بۇ جۈملىنى قالقان قىلىۋېلىپ، باشقىلارنى ئۆزىنى ئەيىبلەشتىن توسۇسا، شۇنداقلا ئۆزىمۇ خاتىرجەم ھالدا كەمچىلىكىنى تۈزەتمىسە، دەماللىققا باشقىلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ، ئۆزىنى خۇش قىلغىلى بولسىمۇ، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان يولنى تاقاپ قويۇپ، ئاخىرىغا كەلگەندە مەسىلە بارغانسېرى توپلىنىپ، كۆپىيىپ كېتىدۇ.

这句话,简直就是阻止沟通的神器啊。

بۇ جۈملىنى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى توسۇشتىكى «خىسلەتلىك قورال» دېيىشكە بولىدۇ.


ღ ღ ღ


自从听了王姐的这句话,就发现这样的例子真不少,上次看节目,一个姑娘还拿这句话呛男朋友。

ۋاڭ ئاچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنداق مىسالنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلۈكىنى بايقىدىم. ئالدىنقى قېتىم كۆرگەن پىروگراممىدىمۇ بىر قىز مۇشۇ گەپ ئارقىلىق يىگىتىنى گەپ قىلالماس قىلىپ قويغانىدى.

除了夫妻和恋人之间,有些朋友甚至合伙人之间,也会出现这样的问题。

ئەر-ئايال ۋە ئاشىق-مەشۇقلاردىن باشقا، يەنە بىر قىسىم دوست-بۇرادەرلەر، ھەتتا شېرىكلەر ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق مەسىلە يۈز بېرىدۇ.

我表弟前年和几个朋友合伙开了一家店,店不大,所以很多事情几个人都要亲力亲为。比如进货,比如排货,比如想各种促销手段,几个人都是一起上阵。

نەۋرە ئىنىم ئالدىنقى يىلى بىر نەچچە دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ دۇكان ئاچتى. بۇ دۇكان چوڭ بولمىغانلىقتىن، ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلدى. مەسىلەن، مال كىرگۈزۈش، مال رەتلەش، سېتىشنى تېزلىتىدىغان ھەرخىل ۋاسىتە تېپىش دېگەنلەرنى ھەممىسى بىللە تاماملىدى.

其中有一个叫马哥的,自己家里也做生意,而且从小家境比较优越,养尊处优惯了,很多脏活累活都不愿意干。别人干了吧,他还有各种各样的意见,认为别人干得不好。

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى «ما ئاكا» دەيدىغان بىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ سودا قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئائىلە شارائىتى كىچىكىدىنلا ياخشى بولغانلىقتىن، ئۇ راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشقا كۆنۈپ قېلىپ، كىيىم-كېچەكنى مەينەت قىلىدىغان، ئادەمنى ھاردۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى خالىمىدى، باشقىلار قىلسا ھەرخىل پىكىرلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى «ياخشى قىلمىدى» دەپ قارىدى.

这就让其他几个人很不满。

بۇ ئەھۋال باشقا بىر نەچچەيلەننى بەكلا نارازى قىلدى.

每次开会,总有人把矛头对准马哥,跟他说:你能不能别那么挑剔?觉得我们做得不好,行,你拿出好的方案来。

شۇنىڭ بىلەن، ھەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا، بەزىلەر تىغ ئۇچىنى ما ئاكىغا قارىتىپ: «ئۇنچىۋالا قۇسۇرچىلىق قىلمىسىڭىز قانداق؟ بىزنى ياخشى قىلمىدى دېسىڭىزمۇ مەيلى، خوش، قېنى ئۆزىڭىز ياخشى لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىڭ» دېدى.

要么就是吃饭的时候说他:这个季度我们每个人都去进过货,你一次也没去,稍微上点心行不行?你好歹也去一次呀。

ياكى بولمىسا تاماق ۋاقتىدا ئۇنى ئەيىبلىدى: «بۇ پەسىلدە ھەممىمىز مال كىرگۈزۈپ باقتۇق، سىز بىر قېتىممۇ بارمىدىڭىز، ئىشىمىزغا ئازراق كۆڭۈل قويسىڭىز نېمە بولىدۇ؟ سىزمۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ بېرىپ قويۇشىڭىز كېرەكقۇ».

或者他想出来的方案不接地气,被其他几个人全盘否定。大家也会指出哪里有问题,让他重新做一份,把这些问题改掉。

ياكى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە ئىشەنچىسىز بولسا باشقا بىر نەچچەيلەن بىردەك ئىنكار قىلدى، قەيېرىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قايتا ئىشلەشنى، بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشنى بۇيرۇدى.

结果,马哥很不满意,觉得大家都在针对他,都是看他不顺眼。

نەتىجىدە، ما ئاكا قاتتىق نارازى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزى بىلەن قارشىلىشىۋاتقاندەك، ئۆزى ھەممىنىڭ كۆزىگە سىغمايۋاتقاندەك ھېس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، بىر قېتىم ئۇلار نەچچەيلەن يىغىلىپ تاماق يېگەندە، بىرەرى ما ئاكىنىڭ بولمايدىغان يېرىنى تىلغا ئالسىلا ھەرخىل تالاش-تارتىشلار باشلىنىپ كەتتى. چۈنكى، ما ئاكا ھەرخىل گەپلەر بىلەن بۇلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.

ئالدىنقى قېتىم نەۋرە ئىنىم ماڭا تېلېفون قىلغاندا، ئاچچىقلانغان ھالدا: «ھازىر ما ئاكا بارغانسېرى يولسىزلىق بىلەن ئېسىلىۋالىدىغان بولدى، ئۇنىڭ بىرەر يېرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتسىلا دەرھال: <مەن ئەسكى بولسام، ئەينى چاغدا نېمىشقا مەن بىلەن ھەمكارلاشقان؟> دەپ ۋارقىرايدىغان بولۇۋالدى» دېدى.

نەۋرە ئىنىم ئۆزىنىڭ ما ئاكىغا: «ئەمىسە ھازىر ھەمكارلاشمايلى، مەبلىغىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىڭ» دېگۈسى كېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق، دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۇ بۇ گەپنى دېمىگەنىدى.

گەرچە، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان بۇ گەپنى ھېچكىم ئېيتمىغان بولسىمۇ، ھەممەيلەن ما ئاكىدىن بەكلا ئۈمىدسىزلەندى. ئىلگىرى، ئۇنىڭ ياخشى قىلالمىغان ھەرخىل تەرەپلىرى بولسىمۇ،كۆپچىلىك ئۇنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتسە، ئاستا-ئاستا مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى.

بىراق، ھازىر ئۇنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشى باشقىلارنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكتىن، ھېچكىممۇ ئۇنى ئەيىبلەشنى خالىمايدىغان، ئەكسىچە مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ ئۇنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرغۇزۇۋېتىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدى.

نەۋرە ئىنىم ئاخىرىدا: «ئاچا، ئۇنىڭ بۇ گېپى بەكلا مۇتتەھەملىك بىلەن ئېيتىلىپتىمۇ؟ پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنى سېپىمىزدىن ئايرىۋېتىشتىن باشقا چارە قالمىدى» دېدى.

مەنمۇ بۇ گەپنى ھەقىقەتەن مۇتتەھەملىك بىلەن قىلىنغاندەك ھېس قىلدىم. بۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى پۈتۈنلەي رەت قىلغانلىق بولۇپ، ئۆلۈك پىچاقتىن قورقماپتۇ دېگەندەكلا ئىش-دە. بۇ جۈملىنىڭ يوشۇرۇن مەنىسى ناھايىتى چۈشىنىشلىك: «ئەينى چاغدا مەن بىلەن ھەمكارلىشىشنى تاللىغانىكەنسىلەر، بارلىق كەمچىلىكىمنى قوبۇل قىلىشىڭلار كېرەك».


ღ ღ ღ


一个人有做得不好的地方,当然值得谅解,人无完人,谁都不能保证自己样样事情都做得好。关键是,知道自己做得不好,有没有积极地去改正?

بىر ئادەمنىڭ ياخشى قىلالمىغان تەرەپلىرى بولسا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ ھەممە ئىشنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، ئۆزىنىڭ ياخشى قىلالمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن-ئۆزگەرتمىگەنلىكتۇر.

如果你不但不改,还理直气壮,觉得你们既然选择了我,就得包容一切,这就说不过去了。

ناۋادا، ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرتمىسىڭىز، يەنە تېخى ھەقلىق يوسۇندا: «مېنى تاللىغانىكەنسىلەر، ھەممىگە كەڭ قورساق بولۇشۇڭلار كېرەك» دەپ قارىسىڭىز توغرا بولمايدۇ.

而且这句话,看上去无比正确,却完全关闭了沟通的渠道,只会让问题越来越多,越来越严重。

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ گەپ قارىماققا بەكلا توغرىدەك بىلىنسىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى تولۇق ئېتىۋېتىپ، مەسىلىنى بارغانسېرى كۆپەيتىدۇ، بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

所以,吵架的时候,千万别说“你当初干吗要……”

شۇڭا، سوقۇشۇپ قالغاندا، ھەرگىز: «ئەينى چاغدا نېمىشقا .... قىلغان؟» دېمەڭ.

如果你说这句话,确实能以最快的速度终止争吵。但是,这一切不是因为你有道理,而是因为别人觉得你不可理喻,没有办法沟通了。

ناۋادا، بۇ گەپنى قىلسىڭىز، جېدەلنى ھەقىقەتەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە توختىتالايسىز. بىراق، بۇ سىزنىڭ ھەقلىق بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، باشقىلارنىڭ سىزنى «غەرەز ئۇقمايدىغان» دەپ قاراپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا چارىسىز قالغانلىقىدىن بولىدۇ.

看上去你赢了,实际输得很彻底。

يەڭگەندەك كۆرۈنسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە، پۈتۈنلەي يېڭىلگەن بولىسىز.

别人会在心里想:好好好,当初我眼睛瞎,现在我不瞎了,不跟你在一起了总行吧?

باشقىلار كۆڭلىدە: «ماقۇل، ماقۇل، ئەينى چاغدا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن، ھازىر كۆزۈم روشەنلەشتى، سىز بىلەن ھەمكارلاشمىساملا بولىدىغۇ» دەپ ئويلايدۇ.

有问题就好好沟通,需要改的就改,这才是良性的互动。不管是夫妻恋人之间,还是朋友同事合伙人之间,想要解决问题,就不要说这句听上去无比正确的话。

مەسىلە بولسا ياخشىراق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزگەرتىشلا ياخشى سۈپەتلىك ئالاقە ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئەر-ئايال، ئاشىق-مەشۇق بولسۇن، مەيلى دوست، خىزمەتداش، شېرىكلەر ئارىسىدا بولسۇن، مەسىلە ھەل قىلماقچى بولغاندا ئاڭلىماققا ناھايىتى توغرىدەك بىلىنىدىغان بۇ گەپنى قىلماسلىق كېرەك.

那只会显得你很不可理喻。

چۈنكى، ئۇ پەقەتلا سىزنىڭ غەرەز ئۇقمايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ قويىدۇ.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章