يۇمۇرىستىكلىق ھاياتىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ

时事   2024-10-16 23:55   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




有趣,才是你人生的加分项

يۇمۇرىستىكلىق ھاياتىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ



ღ ღ ღ


上周在机场,排在我前面的一位男士因为双手摆弄背包,手里的行李箱一松,不小心滑行碰到了前排的女子,并狠狠地撞击在她光着的脚踝上。可能很疼,女子转过身瞪了他一眼。我想如果男士恼怒不道歉,肯定彼此心里会产生疙瘩,想道歉难免又因她瞪了一眼心里不舒服:我就要道歉了,你为何还瞪我?

ئۆتكەن ھەپتە ئايرودرومدا ئالدىمدىكى رەتتە تۇرغان بىر ئەر يۈدۈمە بوغچىسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، چامادانى قولىدىن ئاجراپ ئۆزلۈكىدىن مېڭىپ كېتىپ بىر ئايالنىڭ پايپاقسىز ئوشۇقىغا قاتتىق سوقۇلدى. بەك ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قاتتىق بىرنى ئالايدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: «ناۋادا، ئەر خاپا بولۇپ كەچۈرۈم سورىمىسا، ئىككىلى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە تۈگۈن پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ئەرنىڭ كەچۈرۈم سورىغۇسى بولسىمۇ، ئايالنىڭ ئۆزىگە ئالايغانلىقى سەۋەبلىك بىئارام بولۇپ: <كەچۈرۈم سوراي دەپ تۇرسام، ماڭا يەنە نېمىشقا ئالىيىسىز؟> دەپ ئويلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.

出乎我意料的是,男士并不恼怒反而微微一笑:“抱歉女士,没想到这个小箱子也喜欢您漂亮的鞋子。”

ئويلىمىغان يەردىن، ھېلىقى ئەر ئاچچىقلىنىشنىڭ ئەكسىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «كەچۈرۈڭ خانىم، بۇ كىچىك چاماداننىڭمۇ سىزنىڭ چىرايلىق ئايىغىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن» دېدى.

女子转怒为喜,嗔怪道:“没关系,你的箱子很可爱。”

شۇ ھامان ئايالنىڭ ئاچچىقى يانغاندەك بولدى ھەمدە نارازىلىق ئاھاڭىدا: «ھېچقىسى يوق، سىزنىڭ چامادانىڭىزمۇ بەك ئوماقكەن» دېدى.

我站在后面,感慨着有趣的魅力。

ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان مەن يۇمۇرىستىك بولۇشنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئويغا چۆمدۈم.

我想,一个风趣的男子,必定是一个懂得生活情趣,又有着良好教育与情商的人。

مېنىڭچە، يۇمۇرىستىك ئادەملەر چوقۇم تۇرمۇشنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى چۈشىنىدۇ، ياخشى تەربىيە ئالغان بولىدۇ ھەمدە ھېسسىيات بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدۇ.

果然,过安检后我听到他接电话说:“哎呀,张总,您放心,我恨不得立刻带着合同飞过去,可惜我不是鸟儿,只有坐着铁鸟飞去见您。”

دەرۋەقە، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ تېلېفوندا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدىم: «ھەي، جاڭ دېرىكتور، خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ ھازىرلا توختامنى ئېلىپ ئۇچۇپ بارغۇم بار ئىدى. ئەمما، قانىتىم بولمىغاچقا، ئامالسىز تۆمۈر قۇشقا ئولتۇرۇپ يېنىڭىزغا بېرىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمەن».

语气风趣不失礼貌,带着正经的调侃,大概对方感受到了他的真诚,承诺了什么,他不住地点头,大踏步向前走的姿势带着自信,并不高大的身影在我的眼里也变得可爱起来。

قارشى تەرەپ بۇ خىل قىزىقارلىق سۆزلەش ئۇسلۇبى، ئەدەب-قائىدىدىن ھالقىپ كەتمەي دۇرۇس ھالەتتە قىلىنغان چاقچاقلاردىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك، بىر نەرسىلەر توغرىسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ ئادەممۇ توختىماي باش لىڭشىتقىنىچە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ ئانچە ئېگىز بولمىغان گەۋدىسى ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.


ღ ღ ღ


A是个内敛的姑娘。她结婚后,性格一天比一天开朗,因为她的老公是一个很有趣的男人。

شياۋئاۋ ئىچ مىجەز قىز ئىدى. بىراق، يۇمۇرىستىك ئەر بىلەن توي قىلغانلىقتىن، ئۇنىڭ مىجەزى بارا-بارا ئوچۇقلىشىپ كەتتى.

婚前他就告诉她:父亲一直严肃冷清,家里整天充斥着紧张的情绪,因为性格过于耿直不懂迂回,职场生涯也不顺利,所以常把情绪带回家,他经常碰见父母因为小事争执后,母亲一个人抹眼泪的样子,那时他就在心里发誓,未来一定不要做父亲那样的人。

تويدىن ئىلگىرى يولدىشى ئۇنىڭغا: «دادام قاتتىق قول ھەم سوغۇق مىجەز ئادەم بولغانلىقتىن، ئۆيىمىزنى كۈنبويى جىددىي كەيپىيات قاپلاپ تۇرىدۇ. دادامنىڭ مىجەزى بەكلا تۈز، ئەگىتىپ گەپ قىلىشنى بىلمىگەنلىكتىن، خىزمەت ھاياتىمۇ ئانچە ئوڭۇشلۇق ئەمەس. شۇڭا، ئۇ ئۆيگە دائىم ناچار كەيپىياتى بىلەن كەلگەنلىكتىن، ئاتا-ئانامنىڭ كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ گەپ تالىشىپ، ئانامنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرىمەن ھەم بۇنداق چاغلاردا ئۆز-ئۆزۈمگە كەلگۈسىدە ھەرگىز دادامدەك ئادەم بولمايمەن دەپ ۋەدە بېرىمەن» دېگەنىكەن.

她说刚结婚时自己记性不好,用过的东西总喜欢随手乱放,老公爱整洁,有时看到她放不回原处的东西就会数落她丢三落四,她被指责了偶尔也会心里不舒服。

ئۇ يەنە: «دەسلەپ توي قىلغان چاغلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى خالىغان يەرگە تاشلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. بىراق، يولدىشىم پاكىزلىق-رەتلىكلىكنى سۆيىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە مەن ئەسلىي ئورنىغا قويمىغان نەرسىلەرنى كۆرسە، <ئۇنتۇغاق، چېچىلاڭغۇ> دەپ ئەيىبلەپ قوياتتى. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپمۇ قالاتتى» دېدى.

那天,她刷完锅后又忘记将锅铲放在锅里,老公过来了,她先发制人:“你就给我个理由,为什么就一定要把锅铲放进锅里?为什么就不能分开?”

بىر كۈنى ئۇ قازاننى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، چۆمۈچنى قازانغا سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يولدىشىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۇ تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن: «نېمىشقا چۆمۈچنى چوقۇم قازانغا سېلىپ قويىمىز؟ ئايرىۋەتسەك نېمىشقا بولمايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

她想,大不了陪你吵一架。却不料老公理直气壮地说:“因为锅铲和锅的关系就像是一对夫妻,它们是不能分开的。”

شۇ چاغدا، ئۇ كۆڭلىدە: «بەك بولمىسا سوقۇشارمىز شۇ» دەپ ئويلىغانىكەن. بىراق، كۈتۈلمىگەندە يولدىشى مەردانىلىك بىلەن: «چۈنكى، چۆمۈچ بىلەن قازاننىڭ مۇناسىۋىتى بىر جۈپ ئەر-ئايالغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئايرىلىپ كەتسە بولمايدۇ» دەيدۇ.

A看了他一眼,脸上的怒火如云般吹散,立马温柔地说:“我知道了,亲爱的,以后我会注意的。”

شۇنىڭ بىلەن، شياۋئاۋ ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، چىرايىدىكى غەزەب ئۇچقۇنلىرى بۇلۇتتەك تارقاپ، مۇلايىملىق بىلەن: «چۈشەندىم، سۆيۈملۈكۈم، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي» دەيدۇ.

如果说,在外有趣能消弥紧张、催进友情,是成功的加分项;那么对内,婚姻里的有趣就是浪漫的加分项,在批评里加点浪漫和爱意,这样不仅能达到表达的效果,还能增进双方的感情。

ناۋادا، سىرتتا يۇمۇرىستىك بولۇش جىددىيلىكنى تۈگىتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ دېيىلسە، ئائىلىدە يۇمۇرىستىك بولۇش رومانتىكىلىقنى ئاشۇرىدۇ، تەنقىدكە رومانتىكىلىق ۋە مۇھەببەت سىڭدۈرۈلسە، ئەسلىي ئىپادىلەش مەقسىتىگە يەتكەندىن باشقا، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

梁实秋就是这样一个男人。不仅文学上有巨大的成就,而且为人有趣幽默。

لياۋ شىچيۇ دەل مۇشۇنداق ئەر. ئۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن باشقا، يەنە كىشىلەرگە يۇمۇرىستىك، چاقچاقچى تەسىر بېرىدۇ.

他在发妻意外离世后,经过无数波折,于73岁高龄与后妻韩菁清结合。洞房花烛夜当晚,因为新房设在韩家,他不熟悉地形环境,再加上高度近视,一不留心就撞到了墙,新娘子立刻上前将新郎抱起。

تۇنجى ئايالى تاسادىپى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ سانسىزلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، 73 ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئايالى خەن جىڭچىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى تۇتقان ئۆيى خەن ئائىلىسىدە بولغانلىقتىن، ئۇ مۇھىتقا ناتونۇشلۇقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئېغىر دەرىجىدە يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك توي كېچىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن تامغا ئۈسۈۋالغاندا، ئايالى دەرھال كېلىپ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇتۇۋالىدۇ.

梁实秋说:“这下你成‘举人’了。”

شۇنىڭ بىلەن، لياڭ شىچيۇ: «ئەمدى سىز <ئۆلكە دەرىجىلىك كېجۈ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئادەم>گە ئايلىنىپ قالدىڭىز» دەيدۇ.

韩菁清也风趣地说:“你比我强,既是进士(近视)又是状元(撞垣)。

خەن جىڭچىڭمۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ: «سىز مەندىن قالتىس، چۈنكى، سىز ھەم ئوردا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن (يىراقنى كۆرەلمەس)، ھەم ئەلىيۇلئەلا (تامغا ئۈستىڭىز)» دەيدۇ.

然后两人相视大笑。

شۇنىڭ بىلەن، ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.

他的有趣,韩菁清的可爱,两个人一起走过了十三个年头,琴瑟合鸣让他在暮年又迸发出了惊人的能量,写出了很多巨著。

ئۇنىڭ يۇمۇرىستىكلىقى، خەن جىڭچىڭنىڭ سۆيۈملۈكلۈكى سەۋەبلىك ئىككەيلەن 13 يىلنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ، ئەر-ئايالنىڭ گېپىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەيران قالارلىق ئېنىرگىيەگە ئىگە قىلىپ، نۇرغۇن بۈيۈك ئەسەر ئىجاد قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ღ ღ ღ


有人说,层次越高的人越有趣。并非如此。

بەزىلەر: «ئادەم جەمئىيەتنىڭ قانچە يۇقىرى قاتلىمىدا تۇرسا، شۇنچە يۇمۇرىستىك بولىدۇ» دېيىشىدۇ. ئۇنداق ئەمەس.

我曾在一次聚会上,见识了一个领导的酒后无德,他拼命地甩黄段子,甩财富,先是调侃在坐的一位女生,说人家太胖,再胖下去就无边界了,那位微胖界的女生很尴尬,还好忍了。接着当面批评一位做内衣销售的女士,说人家卖女性内衣就是卖胸,惹得那位女士当场翻脸,扬长而去。

بىر قېتىملىق يىغىلىشتا مەن بىر رەھبەرنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ قىلغان ئەخلاقسىزلىقلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. شۇ چاغدا ئۇ سېرىق يۇمۇر ئېيتقان، بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان، يەنە تېخى سورۇندىكى بىر قىزنى: «بەك سېمىزكەنسىز، يەنە ئازراق سەمىرىگەن بولسىڭىز كوچىغا پاتماي قالاركەنسىز» دەپ زاڭلىق قىلغاندا، ھېلىقى قىز قاتتىق ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، يەنىلا چىداپ ئولتۇرغانىدى. ئارقىدىنلا ئۇ ئىچ كىيىم ساتىدىغان بىر ئايالنى: «ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىمىنى ساتقانلىق ئۆزىنىڭ كۆكرىكىنى ساتقانلىق بىلەن باراۋەر» دەپ تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ شۇ ھامان قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، پېشىنى قېقىپلا كېتىپ قالغانىدى.

总有一些人,屡屡消费身边人的三观,却不知他自以为是的风趣,换来的只是满堂鄙夷。

شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر بولىدۇكى، ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۈچ خىل قارىشىنى ھەمىشە ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ، ئۆزلىرى «قىزىقچىلىق» دەپ قارىغان قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىنىڭ مەنسىتمەسلىكىگە سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.


ღ ღ ღ


真正的有趣是一个男人成熟的智慧,它是胸襟、情怀、阅历与涵养。无关学历高低、读书多少,职位贵贱。

ھەقىقىي يۇمۇرىستىكلىق بىر ئەر پىشىپ يېتىلگەندە ھازىرلايدىغان ئەقىل-پاراسەت، ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ھېس-تۇيغۇسى، كەچۈرمىشى ۋە قوبۇل قىلغان تەربىيەسىدۇر. بۇ ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ كۆپ-ئازلىقى، ئەمەل-مەنسىپىنىڭ ئېسىل-ناچارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

我曾见过蹬三轮的车夫努力上坡时风趣地给自己打气:“出路,出路,只有走出去才会有路。”

ئىلگىرى مەن ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىت ھەيدەيدىغان بىرىنىڭ تىرىشپ-تىرمىشىپ دۆڭگە چىقىۋاتقاندا ئۆزىگە قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق مەدەت بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: «چىقىش يولى، چىقىش يولى، قەدەم ئالغاندىلا بولۇر مېڭىش يولى».

见过黄山脚下挑夫拉客遭恶意拒绝时诙谐的回应:“赚钱之路很多,但如果我找不到赚钱的种子,就成不了事业家的,所以请原谅我打扰了您。”

خۇاڭشەن تېغى باغرىدا مەپە كۆتۈرىدىغانلارنىڭمۇ خېرىدارلارنىڭ زەھەرخەندە سۆزلەر بىلەن رەت قىلىشىغا ئۇچرىغاندا يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم: «پۇل تېپىش يوللىرى كۆپ. بىراق، مەن پۇل تاپىدىغان يولنى بىلمىسەم، كارخانىچى بولالمايمەن. شۇڭا، سىزگە دەخلى قىلىپ قويغىنىمنى ئەپۇ قىلىڭ».

也见过菜场的小商贩面对媳妇当众的河东狮吼,笑着说:“我对你忍无可忍,没办法,只好重新再忍。”

شۇنداقلا، يەنە كۆكتات بازىرىدىكى يايمىچىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئۆزىگە ۋارقىراپ-جارقىرىغان ئايالىغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، بىراق مېنىڭ قايتا بەرداشلىق بېرىشتىن باشقا ئامالىم يوق» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.

某天从我们小区经常回收垃圾的师傅身边经过时,听到他爱人边干活边嘟囔:“能变钱的纸箱子都被附近的人捡走了。”

بىر قېتىم بىزنىڭ قورودا دائىم ئەخلەت يىغىۋالىدىغان ئۇستامنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىش قىلغاچ: «ساتقىلى بولىدىغان قەغەز يەشىكلەرنىڭ ھەممىسىنى يېقىن ئەتراپتىكىلەر ئېلىپ كېتىپتۇ» دەپ غۇدۇرىغىنىنى ئاڭلىغانىدىم.

他调侃自已的爱人:女人做事小心为好,但“小心眼”就不好了。

شۇ چاغدا، ئۇ ئايالىغا چاقچاق قىلىپ: «ئاياللار ئىش قىلغاندا ئېھتىياتچان بولغىنى ياخشى،  <كۆزى كىچىكلىك> قىلسا بولمايدۇ» دېگەنىدى.

这些小人物式的风趣幽默,常常触人心弦,令人敬佩不已。

كىچىك شەخسلەر كەبى بۇ خىل يۇمۇرىستىكلىق ۋە قىزىقچىلىق ھەمىشە كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ، قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

就像安妮宝贝说的:“真正有趣的男人,他应该知道怎么修理草坪,耐心种一盆花,养活一缸鱼,手工做一个木架子,或下厨煲一锅汤,这一切远胜过酒吧呼朋唤友,左拥右抱。又保有童真,那是对自我的一种认同和坚定,不受世间标准的界定,来去自如,生性逍遥。”

خۇددى ئاننى قوزامنىڭ ئېيتقىنىدەك: «ھەقىقىي يۇمۇرىستىك ئەر چىملارنى قانداق قىرقىشنى بىلىشى، سەۋرچانلىق بىلەن بىر تەشتەك گۈل تېرىيالىشى، بېلىقداندا بېلىق باقالىشى، قول سېلىپ ياغاچ جازا ياسىيالىشى ياكى شورپا سالالىشى كېرەك. بۇلار قاۋاقخانىلاردا دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىشىش، قىزلارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بالىلارغا خاس ساددىلىقنى ساقلاش ئۆزىگە بولغان بىر خىل ئېتىراپ ۋە قەتئىيلىك بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر دۇنيا ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىش-ھەرىكىتى تەبىئىي، مىجەز-خاراكتېرى ئەركىن بولىدۇ».

它惠及他人,利于自己!

بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىلى، ئۆزىنى مەنپەئەتلەندۈرگىلى بولىدۇ!

所以,有趣才是一个人幸福的基石。

شۇڭا، يۇمۇرىستىكلىقلا بىر ئادەمنىڭ بەخت ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章