جۇڭگو تۈركىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

时事   2024-10-18 12:03   北京  

جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە باشقا ئاپتوموبىللارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

مەنبە: خەلق تورى


جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە باشقا ئاپتوموبىللاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ۋە ئىمپورت ئىجازەتنامىسى تەدبىرلىرى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۈركىيەگە كېڭىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۈركىيە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان يېقىلغۇلۇق ۋە ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن %40تىن ئارتۇق ئىمپورت تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ھەمدە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن %40 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا ئاپتوموبىللاردىن %40 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالدى ھەمدە ئىمپورت قىلىش ئىجازەتنامىسى چەكلىمىسى تەسىس قىلدى. بۇ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ، تىپىك قورۇقچىلىق ئۇسۇلى. جۇڭگو تۈركىيەنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خاتا ئۇسۇلنى دەرھال تۈزىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

باياناتچى: جۇڭگو قوللانغىلى بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، دېدى.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章