شەخسلەرنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى ھەققىدە

时事   2024-10-16 22:10   北京  

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شەخسلەرنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شەخسلەرنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش» تاللاش پىرىنسىپى قىلىندى. شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى قىلىپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىش «شەخسلەر ياردەم سوراش تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دە ئالاقىدار بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

 ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2024-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاياغلىشىدۇ. ئىلتىماس قىلغاندا بەرگەن ماتېرىيال ھەقىقىي ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ تاللاش سالاھىيىتى بايقالغان ھامان ئېلىپ تاشلىنىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باھالاش كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، بەلگىلەنگەن شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى تىزىملىكىنى بېكىتتى ھەم جەمئىيەتكە بەش خىزمەت كۈنى ئېلان قىلدى. ئاشكارىلاش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەلگىلەنگەن شەخسلەر ياردەم تەلەپ قىلىش تور مۇلازىمەت سۇپىسى تىزىملىكىنى بېكىتتى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章