جەمئىي 215 نەپەر جۇڭگو پۇقراسى لىۋاندىن بىخەتەر چېكىندى

时事   2024-10-18 09:01   北京  

215 نەپەر جۇڭگو پۇقراسى لىۋاندىن بىخەتەر چېكىندى

مەنبە: خەلق تورى


10-ئاينىڭ 8-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي 215 جۇڭگو پۇقراسىنى پاراخوت، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان ئارقىلىق لىۋاندىن بىخەتەر چېكىندۈرۈپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ شياڭگاڭ ئاھالىسى ۋە بىر تەيۋەنلىك قېرىنداش بار ئىكەن.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى تۇيۇقسىز كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە لىۋان، سېپرۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يۆتكەپ چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى تېز قانات يايدۇردى.

ماۋنىڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى تۈركۈمدە جەمئىي 215 جۇڭگو پۇقراسى پاراخوت، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ لىۋاندىن بىخەتەر چېكىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ شياڭگاڭ ئاھالىسى ۋە بىر تەيۋەنلىك قېرىنداشمۇ بار. بۇ يەردە، يۆتكەپ چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال قوللىغان، قاتناشقان جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى، جېجياڭ نىڭبو جۇڭمېڭ ئاۋىياتسىيە بىرلەشمىسى شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز.

«نۆۋەتتە لىۋان-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، جۇڭگونىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى لىۋاندا چىڭ تۇرۇپ، شۇ جايدا تۇرۇپ قالغان ئاز مىقداردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دېدى ماۋ نىڭ.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章