ياخشى ئاپا چوقۇم ئازراق تاش يۈرەك ۋە رەھىمسىز بولىدۇ

时事   2024-10-21 23:30   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




没吃过苦的孩子,将来不会太幸福

جاپا چەكمىگەن بالا كەلگۈسىدە بەختلىك بولالمايدۇ



ღ ღ ღ


你上幼儿园时,有天我接你回家。大雪刚停,你呼叫着要去堆雪人。

يەسلىدە ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىڭىزنىڭ بىرىدە سىزنى مەكتەپتىن ئېلىپ قايتتىم. شۇ چاغدا قاتتىق ياغقان قار ئەمدىلا توختىغاچقا، سىز سۈرەن سالغىنىڭىزچە قار بوۋاي ياسىماقچى بولدىڭىز.

我说要回家穿羽绒服戴手套,你哪里肯,撒着欢冲进雪地。

مەن: «ئۆيگە قايتىپ مامۇق چاپان بىلەن پەلەي كىيىۋالايلى» دېسەم، سىز قەتئىي ئۇنىماي خۇشاللىقتىن سەكرىگەن ھالدا قارلىق دالىغا ئۆزىڭىزنى ئاتتىڭىز.

疯玩一场,当晚你就发了烧,接下来的几天咳嗽不止。

سىز پۇخادىن چىققۇچە بىر مەيدان ئوينىۋالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتىلا قىزىپ، بىر نەچچە كۈنگىچە يۆتىلىڭىز توختىمىدى.

我很自责,怪自己那天没狠心拉住你。

شۇ كۈنى قاتتىق قولراق بولۇپ سىزنى چىڭ تۇتۇۋالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى قاتتىق ئەيىبلىدىم.

我们去看了中医,取回几副汤药,每天要喝一小碗。

شۇنىڭ بىلەن بىز جۇڭيى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، كۈندە بىر پىيالە ئىچىدىغانغا بىر نەچچە خىل قايناتما دورا ئالدۇق.

第一天,我千哄百劝用尽解数才让你喝完,刚放下碗放下心,你哗啦啦全吐了。

تۇنجى كۈنى سىزنى بار ئاماللار بىلەن ئالداپ-سىيلاپ يۈرۈپ دورىنى ئىچكۈزۈۋېتىپ، قاچىنى ئەمدىلا قويۇپ كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشۈپ تۇرۇشىغا، «ۋالاققىدە» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دورىنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇۋەتتىڭىز.

第二天,我改变策略,严肃命令你喝。你泪眼婆娑艰难地喝了,喝完又想吐。我大吼:不许吐!你有点怕,紧抿小嘴端端正正坐着,一动也不敢动,样子很好笑也很可怜。

ئەتىسى مەن تەدبىرىمنى ئۆزگەرتىپ، سىزگە دورا ئىچىش توغرۇلۇق كەسكىن بۇيرۇق قىلدىم. سىز كۆزلىرىڭىزگە ياش ئالغان ھالدا مىڭ تەستە ئىچىۋېتىپ، يەنە ياندۇرماقچى بولدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن مەن ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ياندۇرسىڭىز بولمايدۇ!» دېدىم. سىز ئازراق قورقۇپ، كىچىككىنە ئاغزىڭىزنى مەھكەم يۇمۇپ، مىدىر-سىدىر قىلماي تۈز ئولتۇردىڭىز، بۇ قىياپىتىڭىز تولىمۇ كۈلكىلىك ھەم بىچارە تۇيۇلۇپ كەتتى.

晚上你问我明天还要不要喝。我说要。你说中药好苦妈妈好凶。我说我知道,但是不喝就得去医院抽血打针,更苦。

كەچتە سىز: «ئەتە يەنە دورا ئىچىمەنمۇ؟» دەپ سورىدىڭىز. مەن ئىچىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىم. ئاندىن سىز: «جۇڭيى دورىسى بەك ئاچچىقكەن، ئاپامنىڭ ئاچچىقى بەك يامانكەن» دېدىڭىز. مەن بۇلارنى بىلىدىغانلىقىم، دورا ئىچمىسىڭىز دوختۇرخانىغا بېرىپ قان ئالدۇرۇپ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا تېخىمۇ جاپا تارتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىم.

我还说,人活着,就是要受一些苦,不受这样,就得受那样。比如下雪那天你不肯先回家穿羽绒服,不肯受一时忍耐的苦,现在就不得不受喝中药的苦。如果现在不肯受中药的苦,明天就必须受打针的苦了。很多时候就是这样,先吃的苦是小苦,忍了小苦才能避免大苦。

مەن يەنە: «ئادەم ھاياتتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بولسىمۇ ئاز-تولا جاپا تارتىشى كېرەك. مەسىلەن، قار ياغقان كۈنى سىز ئۆيگە قايتىپ مامۇق چاپان كىيگىلى، ئازراق بەرداشلىق بېرىشنىڭ جاپاسىنى تارتقىلى ئۇنىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئەمدى بولغاندا ئاچچىق جۇڭيى دورىسى ئىچىشكە مەجبۇر بولدىڭىز. ناۋادا، ھازىر جۇڭيى دورىسىنى <ئاچچىقكەن> دەپ ئىچمىسىڭىز، ئەتە ئوكۇل ئۇرغۇزۇشنىڭ جاپاسىنى تارتىسىز. دەسلەپ تارتىدىغان جاپايىمىز ئازراقراق بولىدۇ، ئازراق جاپاغا چىدىساق، چوڭ جاپادىن ساقلىنالايمىز، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق بولىدۇ» دېدىم.

其实我还想说,妈妈凶晚了。如果那天我早点凶你让你先回家换衣服,现在老天就没办法凶你了。

ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ يەنە: «ئاپىڭىزنىڭ ئاچچىقى كېچىكىپ كېلىپ قالدى» دېگۈم بار ئىدى. ناۋادا، شۇ كۈنى سىزگە بالدۇرراق ئاچچىقلاپ ئۆيگە قايتىپ كىيىم ئالماشتۇرغۇزغان بولسام، ھازىر بۇنداق قىينىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.


ღ ღ ღ


سىز بەرەڭگە ياپراقچىسى، چوكىلىق كەمپۈت، ماروژنى دېگەندەك ھەممە نەرسىنى يېيىشكە ئامراق، پەقەت كۆكتاتلا يېمەيسىز.

بىراق، مەن قېرىشىپ تۇرۇپ سىزنى كۆكتات يېگۈزىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر ۋاق تاماقتا چوقۇم كۆرسىتىلگەن مىقداردا كۆكتات يېيىشىڭىز كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن، سىز قاتتىق ئاچچىقلاپ: «ئامراق نەرسەمنى يېگىلى قويمايدىكەنسىز، ياخشى كۆرمەيدىغان نەرسەمنى زورلايدىكەنسىز! سىز قانداق ئاپا؟» دېدىڭىز.

سىز ھەتتا باشقا كىچىك دوستلارغا: «سىزنىڭ ئاپىڭىز نېمىدېگەن ياخشى، نېمىلا يېسىڭىز بولىۋېرىدىكەن. مېنىڭ ئاپام بەك ناچار، ماڭا كۆكتات يېگۈزۈشنىلا ئويلايدۇ» دېدىڭىز.

مەن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتىم.

مەن ئەلۋەتتە ھەممە ئىشتا سىزنىڭ رايىڭىزغا باقىدىغان ئاپا بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، مەن سىزنىڭ رايىڭىزغا باققان بىلەن دۇنيا ئۇنداق قىلمايدۇ-دە.

دوستۇمنىڭ ئوغلى مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى ۋە بەرەڭگە ياپراقچىسى يەپ چوڭ بولدى. شۇڭا، ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن ئۇ 90 كىلوگىرام كېلىدۇ، قېنىدا ماي كۆپ، قان بېسىمى يۇقىرى، جىگىرىنى ماي قاپلاپ كەتكەن، روھى چۈشكۈن، ئىممۇنىتېتكۈچى ئاجىز.... ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى كەمسىتىدىغانلىقى، قىزلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتمايلا قوياي.

ئۇ ھەرىكەت قىلىپ ئورۇقلاۋاتقانلىقتىن، ھەر كۈنى بىر سائەت يۈگۈرىدۇ، بىر سائەت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە ھەرخىل مەشىقلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بەكلا جاپا تارتىدۇ. ئۇ يەنە تاماقتىن ئۆزىنى چەكلىشى كېرەك بولۇپ، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، بەرەڭگە ياپراقچىسى ئۇياقتا تۇرسۇن، گاڭپەننىمۇ كۆپ يېيەلمەيدۇ.

你现在只知道吃青菜苦、戒零食苦,却不懂失去健康会比这苦一百倍。

سىز ھازىر كۆكتات يېيىش، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنىڭ جاپالىقلىقىنىلا بىلىپ، ساغلاملىقتىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ بۇنىڭدىن 100 ھەسسە قىيىنلىقىنى بىلمەيسىز.

而我这个“差劲”的妈妈懂。所以,为了避免你将来大苦,现在不得不给你些小苦。

بۇنى مەندەك «ناچار» ئاپىڭىز بىلىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ كەلگۈسىدە ئېغىر جاپادا قېلىشىڭىزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھازىر ئازراق جاپا تارتقۇزمىسام بولمايدۇ.


ღ ღ ღ


上一年级时,你屡次不想上学。

بىرىنچى يىللىققا چىققاندا، سىزنىڭ كۆپ قېتىم مەكتەپكە بارغۇڭىز كەلمىدى.

你说上课真枯燥,像坐牢。

سىز: «مەكتەپتە ئوقۇش تۈرمىدە ياتقاندەك بەكلا زېرىكىشلىككەن» دېدىڭىز.

每周五放学你都一蹦老高喜气洋洋,每周一早上你都愁眉苦脸沮丧迷茫,偶尔还要哭一场。

شۇڭا، ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، خۇشاللىقتىن ئېگىز سەكرەپ كەتسىڭىز، ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە چىرايىڭىز تۇتۇلۇپ، مەيۈسلۈكتىن گاڭگىرىدىڭىز، ھەتتا بەزىدە يىغلاپمۇ قويدىڭىز.

现在你上三年级了。你说最讨厌发明学校和作业的人,如果你当了大官,第一件事就是下令把学校都炸掉。

ھازىر سىز ئۈچىنچى يىللىققا چىقتىڭىز. سىز مەكتەپ ۋە تاپشۇرۇقنى ئىجاد قىلغان ئادەمگە بەك ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىڭىز، چوڭ ئەمەلدار بولسىڭىز، ئالدى بىلەن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەكتەپلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز.

其实我每次看着你吭吭哧哧地写作业到深夜,也是隐隐心疼。

ئەمەلىيەتتە، ھەر قېتىم سىزنىڭ پۇشۇلداپ يۈرۈپ يېرىم كېچىگىچە تاپشۇرۇق ئىشلىگىنىڭىزنى كۆرگەندە، مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ.

我上过学,知道学习苦。

مەنمۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باققان، ئۆگىنىشنىڭ جاپاسىنى بىلىمەن.

只是我也混过世界,知道不学习更苦。

بىراق، مەن جەمئىيەتكە ئارىلىشىپ باققانلىقىم ئۈچۈن ئۆگىنىش قىلمىسا تېخىمۇ جاپا بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

你现在不学生字,将来别人能写一手漂亮论文时,你连微信聊天都不会。

ھازىر خام خەتلەرنى ئۆگەنمىسىڭىز، كەلگۈسىدە باشقىلار ئىلمىي ماقالىلەرنى چىرايلىق قىلىپ يېزىۋەتكەندە، سىز ئۈندىداردا پاراڭلىشىشنىمۇ بىلمەي قالىسىز.

你现在不学英语,将来别人跟外国朋友对谈如流时,你会愣在旁边活像个傻子。

ھازىر ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىسىڭىز، كەلگۈسىدە باشقىلار چەت ئەللىك دوستلىرى بىلەن راۋان پاراڭلىشىپ كەتكەندە، سىز بىر ياندا ھاڭۋاقتىدەك قاراپ تۇرىسىز.

你现在不多读书,将来别人谈金融谈高科技谈宇宙黑洞时,你满脑子只有明星八卦猪肉涨价。

ھازىر كۆپ كىتاب ئوقۇمىسىڭىز، كەلگۈسىدە باشقىلار پۇل مۇئامىلە، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئالەم ۋە قارائۆڭكۈر توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، كاللىڭىزدا چولپانلارنىڭ ئۇششاق خەۋەرلىرى بىلەن گۆش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.

你现在不坚持学习,将来别人用知识去创造价值并获得丰厚回报时,你只能起早贪黑卖苦力,为温饱奔波。

ھازىر بەرداشلىق بېرىپ ئۆگىنىش قىلمىسىڭىز، كەلگۈسىدە باشقىلار بىلىمى ئارقىلىق قىممەت ياراتقان ھەمدە مول نەتىجىگە ئېرىشكەندە، سىز سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ جىسمانىي كۈچىڭىزنى خورىتىپ، قورساق تويغۇزۇش ۋە ئىللىق ماكانغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە چاپىسىز.

不学习,你就是个精神上的残疾人,你的绝大部分梦想都无从实现。

ئۆگىنىش قىلمىسىڭىز، روھىيىتى مېيىپ ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز، مۇتلەق كۆپ قىسىم خىياللىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

这种苦,比读书苦一千倍。

بۇنداق جاپا كىتاب ئوقۇشنىڭ جاپاسىدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق.

所以,我必须冷血地把你送去学校,让你受苦。

شۇڭا، سىزنى باغرى تاشلىق بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ، جاپا تارتقۇزۇشۇم كېرەك.


ღ ღ ღ


还有,你学游泳,每天被教练吆喝着在泳池里来来回回,很累,你想放弃,我强硬反对。

سىز يەنە سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش جەريانىدا، ھەر كۈنى تېرىنېرنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سۇ كۆلچىكىدە ئۇيان-بۇيان بېرىپ-كېلىپ يۈرۈپ بەكلا ھېرىپ كەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، مەن كۈچلۈك قارشى تۇردۇم.

小伙伴弄坏了你的玩具,你想让我找他家长交涉,我不配合,你只好硬着头皮自己去。

كىچىك دوستلىرىڭىز ئويۇنچۇقىڭىزنى بۇزۇۋەتكەندە، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقى بىلەن سۆزلىشىپ بېقىشىمنى تەلەپ قىلدىڭىز، ماسلاشماي تۇرۇۋالسام، ئامالسىز ئۆزىڭىز باردىڭىز.

小伙伴来家里玩,你一言不合就赶人家走,我让你道歉,你免为其难说了对不起。

كىچىك دوستلىرىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئوينىغاندا، سىز گېپىڭلار بىر يەردىن چىقمىغانلىقتىن ئۇلارنى قوغلىۋەتمەكچى بولدىڭىز، «كەچۈرۈم سوراڭ» دېسەم، زورلىغاندەك قىلىپ: «كەچۈرۈڭ» دېدىڭىز.

你的玩具扔一地衣服堆一床,我让你自己整理,你不情不愿做了,有点生我的气。

ئويۇنچۇقلىرىڭىز ھەممە يەرنى بىر ئالغان، كىيىملىرىڭىز كارىۋاتقا توشۇپ كەتكەندە، ئۆزىڭىزنى رەتلەشكە بۇيرۇسام، خالار-خالىماس ھالدا قىلىپ، ماڭا ئازراق خاپا بولدىڭىز.

我给你报了徒步训练营,你走了十公里,累到崩溃,回来就冲我发脾气。

پىيادە مېڭىش مەشىق لاگېرىغا تىزىملىتىپ قويسام، سىز ئون كىلومېتىر مېڭىپ بەك ھېرىپ كەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن، قايتىپ كېلىپلا ماڭا ئاچچىقلىدىڭىز.

我好像是个十恶不赦的妈妈,那么不体贴、不讲理、不近人情,非要让你不开心、给你找麻烦、使你吃苦受罪。

مەن كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئاپىغا ئوخشايمەن، باشقىلارغا كۆيۈنمەيمەن، قائىدە چۈشەنمەيمەن، ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيمەن، سىزنى خاپا قىلماي، سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەي، سىزنى جاپا تارتقۇزماي تۇرالمايمەن.

可是你不知道,在这些辛苦、难过、沮丧、烦躁之后,你强大了,有了知识储备,有了教养礼貌,有了生存能力,学会了自律和忍耐,懂得了抗争和坚持。

بىراق، سىز بۇ جاپا، كۆڭلى يېرىملىق، مەيۈسلۈك ۋە تىت-تىتلىقتىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىڭىز، بىلىم جۇغلانمىسىغا، ساپا ۋە قائىدە-يوسۇنغا، ياشاش ئىقتىدارىغا ئېرىشىدىغانلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنى تىزگىنلەش ۋە بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىڭىز، قارشى تۇرۇش ۋە قەتئىي بەرداشلىق بېرىشنى بىلىۋالىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەنمەيسىز.

这些,将使未来的你最大可能地免于苦难和恐惧。

بۇلار كەلگۈسىدىكى سىزنى جاپا-مۇشەققەت ۋە ئالاقزەدىلىكتىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قالىدۇ.


ღ ღ ღ


我是个有点悲观的人,总觉得人世的苦难要多过幸福。

مەن ئۈمىدسىزرەك بولغانلىقىم ئۈچۈن ھاياتنىڭ جاپا-مۇشەققىتى ھۇزۇرلىنىدىغان بەختتىن كۆپرەك بولىدىغاندەك ھېس قىلىمەن.

如果人这一生的经历有十分的话,我想可能会有六分平淡,三分辛苦,一分幸福。

ناۋادا، ئادەم ھاياتىدىكى كەچۈرمىشلەر ئون ئۈلۈش بولسا، مېنىڭچە، بۇنىڭ ئالتە ئۈلۈشى ئادەتتىكىچە، ئۈچ ئۈلۈشى جاپا-مۇشەققەتلىك، بىر ئۈلۈشى بەختلىك ئۆتۈشى مۇمكىن.

你若想调整这比例,就需要把该吃的苦都及时咽下。否则,所有现在逃过的苦,都可能是在十倍百倍地消耗你未来应得的幸福。

ناۋادا، سىز بۇ نىسبەتنى تەڭشىمەكچى بولسىڭىز، تارتىشقا تېگىشلىك جاپانى ۋاقتىدا تارتىۋېتىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ھازىر ئۆزىڭىزنى قاچۇرغان بارلىق جاپالار كەلگۈسىدە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بەختىڭىزنى ئون ھەسسە، ھەتتا يۈز ھەسسىلەپ خورىتىۋېتىشى مۇمكىن.

就像打预防针很疼,但忍了这疼,你就避免了疾病来时更大的疼。

بۇ ۋاكسىنا ئەملىگەندە قاتتىق ئاغرىغانغا ئوخشايدۇ. ئەمما، بۇ ئاغرىققا چىدىۋەتسىڭىز، كېسەل بولغاندا تارتىدىغان تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىقتىن ساقلىنالايسىز.

有一些苦,迟早要吃。我不给你,别人也会给,老天也会给。而他们给的,会比我给的苦千百倍。

بەزى جاپالارنى چوقۇم تارتىشقا توغرا كېلىدۇ، مەن تارتقۇزمىسام باشقىلار تارتقۇزىدۇ، دۇنيا تارتقۇزىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ تارتقۇزىدىغان جاپاسى مەن تارتقۇزىدىغان جاپادىن يۈز ھەسسە، مىڭ ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ.

未来你要面对的这世界,不会像妈妈这么柔和,这么谨小慎微,这么考虑你的感受。他们可能会给你忽如其来的残酷打击,哪管你愿不愿意接受,能不能承受。

كەلگۈسىدە سىز يۈزلىنىدىغان دۇنيا ئاپىڭىزدەك بۇنچە مۇلايىم، بۇنچە ئېھتىياتچان، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى بۇنچە ئويلىشىدىغان بولمايدۇ. ئۇلار ئېھتىمال سىزگە تۇيۇقسىزلا ئېچىنىشلىق زەربە بېرىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سىزنىڭ قوبۇل قىلىشنى خالاش- خالىماسلىقىڭىز، بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكىڭىز بىلەن قىلچە كارى يوق.

那么,与其让你在别人那里吃大苦,我宁愿让你在我这里吃小苦。

شۇڭا، سىزنىڭ باشقىلارنىڭ يېنىغا بارغاندا قاتتىق جاپا تارتقىنىڭىزدىن مېنىڭ يېنىمدا ئازراق جاپا تارتىشىڭىزنى خالايمەن.

好妈妈,一定都是有点狠心有点冷血的。

ياخشى ئاپا چوقۇم ئازراق تاش يۈرەك ۋە رەھىمسىز بولىدۇ.

مەن بۇ دۇنيادا سىزنىڭ جاپادا قېلىشىڭىزنى ئەڭ بەك خالىمايدىغان ئادەم. دەل شۇنداق بولغانلىقتىن، مېھرى-مۇھەببىتىمگە ئارىلاشتۇرۇپ ئانچە-مۇنچە جاپا تارتقۇزسام، سىزنى تېخىمۇ چوڭ خەتەرگە يولۇقۇشتىن ساقلاپ قالالايمەن.

بۇنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章