خۇشخەۋەر! شىنجاڭدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆستۈرۈلدى

时事   2024-10-23 15:01   北京  

شىنجاڭدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 20 يۈەن ئۆستۈرۈلدى

10-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2024-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئايدا 20 يۈەن ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئېيىغا 185 يۈەنگە يەتكەن.

يېقىندا شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئالىدىغان 1 مىليون 348 مىڭ 600 كىشىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئارقا – ئارقىدىن تارقىتىلىدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى تەڭشەشنىڭ دەل ۋاقتىدا تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى ئالدىن پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىستېما پارامېتىرىنى تەقسىملەش، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش، چىقىم قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى.

شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن شەخسىي ئىسچوتتىكى كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ، شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن بولسا، شەخسىي ئىسچوتتىكى جۇغلانما ئومۇمىي سوممىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان تەمىناتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش دەرىجىسى 12 دەرىجە بولۇپ، 200 يۈەندىن 5500 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاھالىلەر 12 دەرىجە ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 200 يۈەن دەرىجە بويىچە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارغا قارىتا، مالىيەدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 55 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ؛ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5500 يۈەن دەرىجە بويىچە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىسا، مالىيەدىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 270 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章