ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

时事   2024-10-21 13:48   北京  

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

يېڭى نەپ! 2025-يىلىدىن باشلاپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى كۆپەيتىلىدۇ 

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى. چارىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن، كېسەللىك سەۋەبىدىن ياكى خىزمەتتىن باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ قېلىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولسا، ئاي بويىچە كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى ۋە چىقىم قىلىش مۇددىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى يېشى، جەمئىي تاپشۇرغان يىل چېكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى بىرتۇتاش تەڭشىگەندە ماس قەدەمدە تەڭشىلىدۇ.

 سۇغۇرتىلانغۇچىلار كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئالىدۇ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تەمىنات ئالىدىغان جاي بېكىتىلىدۇ. كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇلمايدۇ. داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق تاپشۇرغانلار ھەق تاپشۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كېيىنكى ئايدىن باشلاپ كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ.

 چارىدە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كېسەللىك ۋە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردا تەمىنات ئالىدىغان جاي ياكى ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋىلايەت دەرىجىلىك (رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر)تىن يۇقىرى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئاپپاراتى چىقارغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى باھالاش نەتىجىسى  بولۇشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئالىدىغان خادىملارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇيغۇن كەلمىسە، قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىش نەتىجىسى چىقىرىلغان كېيىنكى ئايدىن باشلاپ كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ.

 كېسەللىك ۋە مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىغا كېرەكلىك مەبلەغ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ھىيلە ئىشلىتىپ  ئويدۇرۇپ چىقارغان ياكى باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن كېسەللىك، مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 46 مىليون 440 مىڭ كىشى بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 16 مىليون 420 مىڭ كىشى كۆپەيدى. ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، 2025-يىلىدىن باشلاپ، ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئايال كادىرلار، ئايال ئىشچىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى تەدرىجىي ھالدا 63 ياش، 58 ياش، 55 ياشقا ئۇزارتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章