قانۇنسىز يوللار بىلەن دورا سېتىۋېلىشقا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

时事   2024-10-22 09:23   北京  

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى: قانۇنسىز يوللار بىلەن دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇ ش ئىدارىسى ۋۇخەندە مەملىكەتلىك دورا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بۇ يىلدىن بۇيانقى مەملىكەت بويىچە دورا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتى تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلدى، كېلەر يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر پىلانلاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى:  ھازىر دورا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، ھەر دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تارماقلىرى «تۆت ئەڭ قاتتىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دورا تىجارىتى ۋە ئىشلىتىش ھالقىسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك؛ تور ۋە تور سىرتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دورىنى توردا سېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى يەنىمۇ سىجىل كۈچەيتىپ، 3-تەرەپ سۇپىسىنىڭ قاتتىق تەلەپچان بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، توردا رېتسېپلىق دورا سېتىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دورىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەھكىمىسى، ئالاقىدار بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك دورا نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش ئىدارىلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章