جۇڭگو چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

时事   2024-10-17 09:01   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: كورېيە چاۋشيەننى چاۋشيەن- كورېيە ئارىسىدىكى بىر قىسىم تۇتاشتۇرۇش يولىنى پارتلىتىۋەتتى، دېدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

 ماۋ نىڭ: بىز ئالاقىدار ئەھۋاللارغا دىققەت قىلدۇق، يېرىم ئارالنىڭ يېقىن قوشنىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو تەرەپ يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش. جۇڭگو تەرەپنىڭ يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، بىز يەنە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ھالدا بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章