بوۋاق ئېلىپ-سېتىش ۋەقەسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

时事   2024-10-22 09:23   北京  

ۋۇشى جياڭيىن ساقچىلىرى بوۋاق ئېلىپ-سېتىش ۋەقەسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

جياڭيىن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ساقچى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى:

2024-يىلى 10-ـ-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 9 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامما ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، بوۋاقلارنى ئېلىپ-ساتقان گۇمانىي يىپ ئۇچىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى دەرھال ساقچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا جىنايەت گۇماندارى سۇ X ( ئەر، 22 ياش)نى كونترول قىلدى ھەم گۇڭئەن ئورگىنىغا ئېلىپ باردى.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇ فامىلىلىك كىشى ئۇنىڭ تور سۇپىسى ئارقىلىق ۋاسىتىچى بولۇپ، بوۋاق سودىسى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشكەن جىنايەت پاكىتىنى يوشۇرماي ئېتىراپ قىلغان.

ھازىر ئېنىقلىنىشىچە، 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، باقتۇرغۇچى لى XX (ئايال، 18 ياش، باشقا ئۆلكىلەردىن كېلىپ جياڭيىندا ئىشلىگەن) بىر ئوغۇل تۇغقان، بېقىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەچكە، نەۋرە يېزنىسى شۆ XX توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ بېقىۋالغۇچى ئىزدىگەن. سۇ فامىلىلىك ئەر-خوتۇن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەردە بېقىۋېلىش ئېھتىياجى بار فېڭ فامىلىلىك ئەر-ئايال بىلەن ئالاقىلىشىپ، 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە جياڭيىندا يۈزتۇرا سودىلاشقان. گۇڭئەن ئورگىنى تېزدىن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ياردىمىدە، بوۋاق سېتىۋالغان فېڭ X قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئېلىپ سېتىلغان بوۋاقنى بىخەتەر قۇتقۇزدى. ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رازۋېدكا قىلىنىپ بېجىرىلىۋاتىدۇ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە چېتىلىدىغان جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنىمۇ گۇڭئەن ئورگانلىرى ئاخىرىغىچە ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرىدۇ.

ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا، گۇڭئەن ئورگانلىرى باشتىن-ئاخىر «قىلچە يول قويماسلىق»نى ساقلاپ، قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章