شىنجاڭلىق پۇتبولچى تاكتىكىنى قالتىس ئورۇنلاشتۇردى

时事   2024-10-18 18:41   北京  

«نىشانىمىز مۇسابىقىدە ئۇتۇش! ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماڭ» شىنجاڭلىق پۇتبولچى تاكتىكىنى قالتىس ئورۇنلاشتۇردى

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن ھىندونېزىيەنى يېڭىپ 18 كۈچلۈك كوماندا مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭلىق توپچى بەھرام تۇنجى توپ كىرگۈزدى.

بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر باشلىقى كوماندا ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مەكتەپتە دوسكىغا تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كوماندا ئەزالىرىنى باتۇرلۇق بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى سىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىسىنى قوزغىدى.

ئىگىلىنىشىچە، توققۇزتارا ناھىيەسى ئاقتۇبېك بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 1986-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ جايدىكى بالىلار پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىكەن، كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانىمۇ ئەڭ دەسلەپكى توپا مەيداندىن ھازىرقى چىملىق توپ مەيدانىغا ئۆزگەرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنتنىڭ كىچىك پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭنىڭ يەرلىك كۆپ تۈرلۈك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章