بۇ ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئىلتىماس قىلدىڭىزمۇ؟

时事   2024-10-19 10:04   北京  

مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىشنى بىر كۈندىكى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 20 مىڭ پارچىدىن ئاشتى

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24 كىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 1 مىليون 420 مىڭدىن ئاشقان، شۇ كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىلتىماس ياردەم تولۇقلىمىسى مىقدارى تۇنجى قېتىم 20 مىڭ پارچىدىن ئاشقان.

 سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىلتىماس قىلىش مىقدارى تېز ئاشقان. ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش تۇنجى ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس مىقدارى 100 مىڭ پارچىدىن ئاشقانغا قەدەر 56 كۈن ۋاقىت كەتكەن؛ 100 مىڭ پارچە ئىلتىماس قىلىشتىن 500 مىڭ پارچە ئىلتىماس قىلىشقىچە 45 كۈن ۋاقىت كەتكەن؛ 500 مىڭ پارچە ئىلتىماس قىلىشتىن 1 مىليون پارچە ئىلتىماس قىلىشقىچە 38 كۈن ۋاقىت كەتكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章