ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارە ئالغانلارغا خۇشخەۋەر

时事   2024-10-17 18:03   北京  

ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىسىنى ئاممىۋى فوند ئارقىلىق تۆلىگەندە، چىقىرىش چېكى ئېيىغا 2000 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىرلىشىپ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىغا پايدىلىق سەككىز ماددىلىق تەدبىرنى چىقارغان، بۇ ئاممىنىڭ مۇتلەق خاراكتېرلىك ۋە ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

 «تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىپ ئۆي ئىجارە ئېلىش سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئۆيى يوق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئۆي ئىجارە ئالغاندا تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقارسا بولىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۆي ئىجارە ئالغاندا ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى ئېيىغا 1500 يۈەندىن ئېيىغا 2000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر (ئىككى پەرزەنتلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى) ئۆي ئىجارىگە ئالغاندا ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى ئېيىغا 1800 يۈەندىن ئېيىغا 3000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئەسلىدىكى ئاي بويىچە چىقىرىش ئېھتىياجغا قاراپ چىقىرىشقا تەڭشىلىدۇ، پۈتۈن يىللىق چىقىرىش ئومۇمىي سوممىسى يىللىق ئىجارە ھەققىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئۈرۈمچى ساقچىلىرى شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章