ئۆي-زېمىن سىياسىتى «بىرىكمە مۇشت» ئاتتى

时事   2024-10-18 15:01   北京  

ئۆي-زېمىن سىياسىتى «بىرىكمە مۇشت» ئاتتى!

10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاساسەن تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جايلارنىڭ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ «بىرىكمە مۇشت» ئاتتى.

 ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، ساقلانما سىياسەتلەرنى تۇتۇپ «تۆتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز ئالدىغا تەڭشەش-تىزگىنلەش ھوقۇقىنى تولۇق بېرىش، شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. ئۆي سېتىۋېلىشقا دائىر تۈرلۈك چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسلىقى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشنى بىكار قىلىش، سېتىشقا چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، باھاغا چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئادەتتىكى تۇرالغۇ  ۋە ئادەتتىكىدىن باشقا تۇرالغۇ ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

«تۆتنى تۆۋەنلىتىش»، يەنى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، تۇنجى يۈرۈش ئۆي بىلەن ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي قەرزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى بىر تۇتاش % 15كىچە چۈشۈرۈش، ساقلانما ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، «كونىنى سېتىپ يېڭىنى سېتىۋېلىش» بويىچە تۇرالغۇ ئۆينى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋېلىشنىڭ باج يۈكىنى تۆۋەنلىتىش، پۇللاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، 1 مىليون يۈرۈش شەھەر ئىچىدىكى كەنت ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش يېڭىدىن يولغا قويۇلىدۇ،  يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن «ئاق تىزىملىك» تۈرلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كۆلىمى كۆپەيتىلىپ 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章