باققۇچىسى يوق بالىلار كاپالىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

时事   2024-10-22 18:10   北京  

ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلار كاپالىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق؟ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

 2024-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «خەلق ئىشلىرىنىڭ بۇ بەش يىلى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ( 1-مەيدان) ئۆتكۈزدى.

 بالىلار پاراۋانلىقى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى جاۋ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بالىلار پاراۋانلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈرلۈك قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈشتە تۈزۈم خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، بالىلار پاراۋانلىقى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلار ئاساسلىقى ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ بېقىش ۋە ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالمايدىغان بالىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا «ئەمەلىيەتتە يېتىم بالا» ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشاش، يېتىلىشتەك قاتمۇقات قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ قوللاش سىستېمىسى ئاجىز، ئۇلار ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان بىر تۈرلۈك بالىلار توپىدۇر. ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىككى سىياسەت ھۆججىتىنى چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم دۆلەت قاتلىمىدىن ئەمەلىي باققۇسى يوق بالىلارنى كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، يېتىم بالىلار ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقاتتى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章