10 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ تېز ئۆرلىدى

时事   2024-10-17 09:01   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو 10 يىلدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: يېقىندا، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى «2024-يىللىق دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى يېڭىلىق يارىتىش كۈچى رەت تەرتىپى بۇلتۇرقىدىن بىر ئورۇن ئۆرلەپ 11-ئورۇنغا چىقىپ، رەت تەرتىپى ئالدىنقى 30 ئورۇن ئىچىدىكى بىردىنبىر ئوتتۇرا ھال كىرىملىك ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

 ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى» 2007-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھەر تۈرلۈك رەت تەرتىپى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بۇ يىلقى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 10 يىلدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئەڭ تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا 100 كۈچلۈك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توپىغا ئەڭ كۆپ ئىگە دۆلەت ئىكەن. بىز 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، 118 ھۆكۈمەتلەر ئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىدۇق. جۇڭگونىڭ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە مول ئىختىساسلىقلار بايلىقىمۇ بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جۇڭگودا تەتقىق قىلىپ يارىتىش مەركىزى تەسىس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章