ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا

时事   2024-10-22 12:01   北京  

ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى ھېس قىلىش − ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورگىنىدىكى ئەمەلدارلاردىن 32 كىشى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قومۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت سورۇنى، مەسچىت، يېزا-كەنت قاتارلىقلارغا بېرىپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش، ئىناق بىللە تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ئۈرۈمچىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئالدى بىلەن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدىكى «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇلار كۆپلىگەن سۈرەت، سىن ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئارقىلىق تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

«تېررورلۇق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، جۇڭگو شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز ناھايىتى ئىلھاملاندۇق.» مالىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى بۇباكا گۇرو دىيال: «بىز جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە زەربە بېرىمىز» دېدى.

ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆپ ۋاسىتىلىك سۈرەت-سىن ئۈنۈمى ئارقىلىق «يىپەك يولىدا قايتا مېڭىش»نى ھېس قىلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىنى ھېس قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئاستىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.

قىرغىزىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئالكېبېك مالىبوف يان تېلېفون ئارقىلىق نادىر دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى، ئۇ: «ئۈرۈمچى ئىنتايىن زامانىۋى شەھەر ئىكەن، ھەممىلا يەردە زامانىۋىلىشىش پۇرىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ دەرسخانىسى، كۇتۇپخانا قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نەق مەيداندا ھېس قىلدى.

ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كامالى ناسىر: «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇپتۇ، بىز مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆردۇق، بۇ ساختا تەشۋىقات خەۋەرلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن» دېدى.

«بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز ئىكەن، ھەممىلا يەردە ئىناقلىق ۋە بەختنى ھېس قىلغىلى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.» ئومماننىڭ جىددىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سالىم مۇھەممەد بۇسەيدى مۇنداق دېدى: «يول بويى مەن شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدىم، يەرلىك كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، مەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىنى دۇنياغا ئېيتىپ بېرىمەن.»



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章