بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى

时事   2024-10-18 12:03   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج

مەنبە: خەلق تورى


دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: چاۋشيەن بۈگۈندىن باشلاپ كورىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چاۋشيەن تاشيولى ۋە تۆمۈر يولىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى، ھەمدە مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قەلئەلەشتۈرۈپ پۇختىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ماھىيەتلىك ھەربىي تەدبىر قوللىنىپ چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ساھەسىنى كورىيەنىڭ زېمىنىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەھۋالىغا قانداق قارايدۇ؟

ماۋنىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن-كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.» جۇڭگونىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章