بۇ ئىش مەكتەپ مۇدىرى ۋە بىرقانچە ئەمەلدارنى غۇلاتتى

时事   2024-10-23 12:04   北京  

خەلق تورى ئوبزورى: بىر داس سېسىق گۆش نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى غۇلاتتى؟

مەنبە: خەلق تورى


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر داس گۆشنىڭ ھەممىسى سېسىپ كېتىپتۇ»، يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى گۇەندۇ رايونى چاڭفېڭ مەكتىپى ئاشخانىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۆش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، شۇ جايدىكى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەھۋال ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، «ۋەقەگە چېتىشلىق تۈركۈمدىكى يېڭى گۆش توشۇش ۋە ساقلاش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن سۈپىتى ئۆزگىرىپ سېسىپ قالغان، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانا تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلدى» دېدى. ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن باشقا، مەزكۇر رايونلۇق مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، رايونلۇق مائارىپ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تارماق مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارماق مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقىمۇ خىزمەتتىن توختىتىپ تەكشۈرۈلگەن.

بىر داس سېسىق گۆش ئاتا-ئانىلارنى غەزەپلەندۈرۈپلا قالماي، مەكتەپ مۇدىرى ۋە بىرقانچە ئەمەلدارنى غۇلاتتى، بۇ كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

مەكتەپ مۇدىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، تەلەپ بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى باشقۇرغۇچى خادىم سەپلىمىگەن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى تەربىيەلەش جايىدا بولمىغان، بۇلار مەزكۇر ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر مۇھىم سەۋەب. ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخانىسىنى ھۆددىگە ئالالايدۇ؟

ئەگەر باشقۇرۇش تۈزۈمى شەكىلگە ئايلىنىپ قالسا، مەكتەپ ئاشخانا ھۆددىگە ئالغان تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت سالاھىيىتىنى ياخشى تەكشۈرمىسە، باشقۇرۇش جايىدا بولمىسا، ھامان چاتاق چىقىدۇ. «ھۆددىگە بېرىشنى باشقۇرۇشنىڭ ئورنىغا قويسا»، «ھۆددىگە بېرىپلا ئىشنى تۈگەتسە»، مەسئۇلىيەتنى ساختا ئادا قىلىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىسا، بۇ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى نەزەرگە ئالماي، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە چاقچاق قىلغانلىقتۇر.

يىمەكلىك بىخەتەرلىكىدە كىچىك ئىش يوق. مەكتەپتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئائىلىنىڭ بەختىگە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ھىچقانداق چاتاق چىقىشقا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى ۋەقە يۈز بەرگەن مەكتەپتە ئەڭ ئاساسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى كەمچىل بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردا مەسئۇلىيەت يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسى ئاشكارىلاندى.

شۇ جاينىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىدە، ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپنى مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بۇيرۇش، مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىشىنى قوللاش قاتارلىقلار بار. بۇ ئىش ئارقىلىق ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپنىڭ ھەقىقىي ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تاماق بىخەتەرلىكى»نى قوغداشتا ئازراقمۇ مۈجمەللىك قىلىشقا بولمايدۇ. يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە قاتتىق خىزمەت ئىستىلى بىلەن مەكتەپ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇشتا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. مەكتەپتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملىگەندىلا، بالىلارنى بىخەتەر، ساغلام ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章