يادرو قورالىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش كېرەك

时事   2024-10-17 21:31   北京  

جۇڭگو تەرەپ: يادرو قورالىنى ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك سىياسىتى كۈنسېرى خەلقئارا ھەربىي جابدۇقلارنى كونترول قىلىش ساھەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىشكە ئايلانماقتا

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پارتلاتقان ھەم شۇ كۈنى يادرو قورالىنى ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلدۇقكى، يېقىندا جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىش مۇساپىسىدە يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ «يادرو قورالىنى ئۆزئارا ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك شەرتنامىسى»نى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

ماۋ نىڭ: 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەيدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يادرو قورالىنى ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك سىياسىتى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يادرو ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ-خەتەرنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

60 يىلدىن بۇيان، يادرو قورالىنى ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك سىياسىتى كۈنسېرى خەلقئارا ھەربىي جابدۇقلارنى كونترول قىلىش ساھەسىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشىگە ئايلانماقتا. بۇ يىل، جۇڭگو «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ 11-قېتىملىق قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ 2-قېتىملىق تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىغا يادرو قورالىنى ئۆزئارا ئاۋۋال ئىشلەتمەسلىك تەشەببۇسى توغرىسىدىكى خىزمەت ھۆججىتىنى تاپشۇردى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يادرو قورالىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش ۋە ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش، يادرو قورالسىز دۇنيا نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئۈرۈمچى ساقچىلىرى شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章