ياشلارنى كاپالەتلىك ئۆيلەرگە كىرگۈزۈش پىلانلاندى

时事   2024-10-18 15:01   北京  

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى: يىل ئاخىرىغىچە 4 مىليون 500 مىڭ ياشلار، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى كاپالەتلىك ئۆيلەرگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نى خۇڭ يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، بىز 1 مىليون 480 مىڭ يۈرۈش (ئېغىز) كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي سالدۇق، يىل ئاخىرىغىچە 4 مىليون 500 مىڭ ياشلار، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ كىرگۈزگىلى بولىدۇ.»

نى خۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى پەرزەنتلىك ھەم ئۇنىڭدىن كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ كۆلىمىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ۋە قوللىدى. ھەرقايسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، چوقۇم كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتىدىن ئىبارەت تۆۋەن چەكنى تولۇق مۇستەھكەملىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章