بىر قىسىم ئامما چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان

时事   2024-10-19 15:00   北京  

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى توغرىسىدا پىكىر ئېلان قىلدى

دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى مەزگىلدە، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەشتە يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن. چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «كاتتىباش»ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئازدۇرۇشى ئاستىدا، بىر قىسىم ئامما ئالدىنىپ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. بۇ مەزگىلدە، شەخسنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراپ، زور ئىقتىسادىي زىيان تارتقان، بەزىلىرى ھەتتا جېنىنى سېلىپ بەرگەن. چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەت كۆچمەنلەرگە دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا، قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن ئوغرىلىقچە كىرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ئېغىر جىنايەتلەرگە ئورتاق زەربە بەردى، ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكىتىنى پىلانلىغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، يىپ ئۇچى ئۇچۇرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، قاچقۇن جىنايەتچى «كاتتىباش»نى قوغلاپ تۇتۇش، ئوغرىلىقچە ئۆتۈش دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش، ئوغرىلىقچە ئۆتكەن خادىملارنى قايتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

 جۇڭگو دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى خەلقئارا كۆچمەنلەر قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىلاتنىڭ چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章