ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

时事   2024-10-18 18:41   北京  

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8:00 دە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2025-يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «2025-يىللىق دۆلەتلىك ئىمتىھان»دېيىلىدۇ)غا تىزىملىتىش رەسمىي باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 دە ئاياغلىشىدۇ.

 دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دۆلەتلىك ئىمتىھاندا 39 مىڭ 700 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپلەردىن بۇ يىل 26 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى 3000 دىن ئاشىدۇ.

 2025-يىللىق دۆلەت ئىمتىھانىنىڭ تىزىملىتىش شەرتى جەھەتتە، بۇ قېتىمقى دۆلەت ئىمتىھانىدا، ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنىڭ ياش شەرتى 18 ياشتىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن (1988-يىل 10-ئايدىن 2006-يىل 10 – ئايغىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان) بولۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتلىك ئىمتىھان ئۇقتۇرۇشىدا يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلى شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانتلارغا قارىتا، 40 ياشقىچە (1983-يىل 10-ئايدىن كېيىن تۇغۇلغانلار) كېڭەيتىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章