سىز پەقەت پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشسىڭىزلا بولدى

时事   2024-10-22 23:10   北京  


خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




你只负责努力,余下的交给命运

سىز پەقەت پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشسىڭىزلا بولدى، قالغىنىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇڭ



ღ ღ ღ


读者留言:“从毕业到工作有五年了,想想这几年都是这样的一个状态,工作没什么突破性进展,也没有什么过硬技术,每天都这样周而复始,很恐慌。应该学点什么又找不到突破口,好迷茫又好可悲!”

بىر ئوقۇرمەن مۇنداق سۆز قالدۇرۇپتۇ: «ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققىنىمغىمۇ بەش يىل بولۇپ قاپتۇ، ئويلاپ باقسام بۇ بىر نەچچە يىلدا تۇرمۇشۇم بىر خىلدىلا ئۆتۈپتۇ، خىزمىتىمدە كۆرۈنەرلىك بۆسۈشمۇ بولماپتۇ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكۈدەك مول تەجرىبەممۇ يوق ئىكەن، ھەر كۈنى مۇشۇنداق ھالەتنىڭ تەكرارلىنىشى كىشىنى بەكلا ۋەھىمىگە سالىدىكەن. بىرەر نەرسە ئۆگىنەي دېسەممۇ بۆسۈش ئېغىزى تاپالماي گاڭگىراپ قالدىم ھەم ئۆزۈمنى تولىمۇ بىچارە ھېس قىلدىم».

类似留言,几乎每天都有,留言来源,大多是工作不久的年轻人。

بۇنىڭغا ئوخشاش سۆز قالدۇرۇشلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپىنچىسى خىزمەتكە چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان ياشلاردىن كېلىدۇ.

想要做点事,又不知道从哪里入手,不甘这么年轻就沉沦于庸俗,想要奋起却连个支点都找不到。

بىرەر ئىش قىلماقچى بولسىمۇ، قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيدۇ، بۇنچە ياش تۇرۇپلا مىشچان بولۇپ قېلىشنى خالىمىغانلىقتىن، غەيرەتكە كېلىپ تىرىشىشنى ئويلىسىمۇ، چىقىش نۇقتىسىنى تاپالمايدۇ.

二十岁的我考入本地一所不入流的师专院校时,心头弥漫的也是这样一种迷茫。实在无法开解这份迷茫,我写了一篇文章,其中有这么一句:“我手里拿着一把钥匙,穿越漫长隧道,穷尽全身力气,却找不到任何一扇门。”

20 ياشتا ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان جايدىكى نامى چىقمىغان سىفەن ئالىي تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەندە، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ مۇشۇنداق گاڭگىراش چۇلغىۋالغانىدى. شۇ چاغدا، مەن بۇ خىل گاڭگىراشتىن قۇتۇلالماي بىر ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق قۇرلار بار ئىدى: «قولۇمدا بىر باغلام ئاچقۇچ بار. ئەمما، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تونېلنى بېسىپ ئۆتۈپ، پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋىتىمنى سەرپ قىلغاندىن كېيىنمۇ، ھېچقانداق چىقىش ئېغىزى تاپالمىدىم».

文章最终在中央人民广播电台一档叫做“绿草地”的栏目播出,一大波的读者纷纷来信。得益于这样的机缘,我第一次知道,痛苦从来不是某个人的专利,这个世界,和我一样迷茫无助的人还有很多。

بۇ ماقالەم ئاخىر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «چىملىق» ناملىق پىروگراممىسىدا قويۇلغاندا، نۇرغۇن ئاڭلارمەن ئارقا-ئارقىدىن خەت ئەۋەتتى. مۇشۇ پۇرسەتتە مەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ھېچقاچان مەلۇم بىرەيلەنگىلا تەۋە بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇ دۇنيادا ماڭا ئوخشاش گاڭگىراپ، ياردەمسىز قالغانلارنىڭ نۇرغۇنلۇقىنى بىلدىم.

二十岁的我找不到开解痛苦的答案,四十几岁再回过头去看,释然一笑,恍然顿悟:不是那份痛苦无解,而是我们所需要的答案,需要时间成全。

20 ياشتىكى مەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە تەسەللىي تاپالمىغان بولسام، 40 نەچچە ياشقا كېلىپ ئارقامغا قارىغىنىمدا ئەندىشىدىن خالاس بولغاندەك كۈلۈپ قويۇپ، بىردىنلا مۇنۇلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم: ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ تەسەللىسى يوق ئەمەس، بەلكى، بىز ئېھتىياجلىق جاۋاب ۋاقىتنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە موھتاج.

因为这样的亲身经历,我特别敬畏每一个在年轻时代因为找不到出口而无助的年轻人。这份痛苦,在庸常者眼中,是一种匪夷所思:放着好好的日子不过,干嘛想那么多?

مۇشۇنداق كەچۈرمىشىم بولغانلىقتىن، ياش چاغلىرىدا چىقىش يولى تاپالماي ياردەمسىز قالغان ھەربىر ياشقا ئالاھىدە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نەزەرىدە بۇ خىل ئازاب ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىشتەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار: «كۈنى بىر ئوبدان ئۆتۈۋاتسا، ئۇنچە كۆپ ئويلاپ نېمە قىلىدىغاندۇ؟» دەپ قارايدۇ.

干嘛想那么多?很简单,因为这些年轻人心中时刻燃烧着一团火。他们虽然身处平庸,骨子里却有一种不屈从平庸的倔强与执着。这种不甘,是日后一个人逆袭的关键所在。

نېمىشقا ئۇنچە كۆپ ئويلايمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. يەنى بۇنداق ياشلارنىڭ قەلبىدە ھەرۋاقىت بىر پارچە ئوت كۆيۈپ تۇرغان بولىدۇ، گەرچە، ئۇلار ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ۋۇجۇدىدا ئاددىيلىققا تەن بەرمەيدىغان قەيسەرلىك ۋە جاھىللىق بولىدۇ. بۇ خىل تەن بەرمەرسلىك كېيىنكى كۈنلەردە بىر ئادەمنىڭ قىينچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ قالىدۇ.

所以,对于青春大好的孩子来说,为理想不能实现而产生的痛苦,一定意义上又是命运悬挂在胸前的一枚勋章。

شۇڭا، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى سەۋەبلىك پەيدا بولغان ئازاب-ئوقۇبەت، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەقدىر شۇلارنىڭ مەيدىسىگە تاقىغان ئوردېن ھېسابلىنىدۇ.

痛苦虽然让人不舒服不好受,甚至偶尔还产生绝望,但它是区分人和人的标签。带着这样标签的人,只要能够持之以恒保持这份心劲,不断去寻找破解的答案,横空出世是早早晚晚的事儿。

ئازاب-ئوقۇبەت گەرچە ئادەمنى بىئارام قىلسىمۇ، بەزىدە ئۈمىدسىزلەندۈرسىمۇ، ئۇ كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىدۇر. مۇشۇنداق بەلگىسى بارلار بۇ خىل ئىرادىسىدىن بوشاشماي ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرىپ، ئازاب-ئوقۇبەتنى يېڭىش چارىسىنى ئىزدىسىلا ھامان بىر كۈنى پارلاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

所以,青春的迷茫和痛苦非但不可怕,反而是一种暗藏的荣耀。每一个身在水深火热中的年轻人,都应该发自内心地为这份痛苦骄傲。

شۇڭا، ياشلىقتىكى گاڭگىراش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر قورقۇنچلۇق بولماستىن، بەلكى بىر خىل يوشۇرۇن ھالەتتىكى شان-شەرەپتۇر. قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىر ياش بۇ خىل ئازاب-ئوقۇبىتى ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن مەغرۇرلىنىشى كېرەك.


ღ ღ ღ


迷茫不是哪个人的专利,它是追梦者共有的专利。迷茫也不是哪个年龄段独有的深渊,它是所有为了梦想奉献终生的人随时都会遇到的深渊。

گاڭگىراش يالغۇز بىرەر ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى غايىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ ئورتاق پاتېنتى. گاڭگىراش يەنە مەلۇم ياش باسقۇچىدىكىلەرگىلا خاس چوڭقۇرلۇق بولماستىن، بەلكى، ئارزۇ-غايىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغانلار ھەرۋاقىت يېتىشى مۇمكىن بولغان يۈكسەكلىكتۇر.

别说二十岁的你们,就是四五十岁的我们,七八十岁的他们,逐梦路上日夜兼程,偶有茫然困惑也正常。

20 ياشتىكى سىلەرنىڭلا ئەمەس، 50-40 ياشتىكى بىز، 80-70 ياشتىكى ئۇلارنىڭمۇ غايىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىش يولىدا بەزى-بەزىدە داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئېسەنكىرەشلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ.

唯一的不同不过在于,已经走过漫长岁月的人们不会太过长久地沉溺在痛苦中,因为阅历早已让他们了然,无论黑暗多么漫长,只有一直在路上,黎明总会在前方。

بۇلارنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھايات مۇساپىسىنىڭ كۆپ قىسىمىنى مېڭىپ بولغانلار ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ دەردىنى ئۇنچە كۆپ تارتمايدۇ. چۈنكى، كەچۈرمىش ئۇلارغا قاراڭغۇلۇقنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت مېڭىشتىن توختاپ قالمىسىلا، ھامان بىر كۈنى تاڭغا ئۇلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولىدۇ.

你只负责努力,余下的交给命运。这是岁月锤炼出的一份淡定,这种淡定,只能由一个又一个的白天黑夜不断累加才能生成。缺一天一分一秒,都不可以。

سىز پەقەت پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشسىڭىزلا بولدى، قالغىنىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇڭ. بۇ يىللار تاۋلاپ چىققان تەمكىنلىك. بۇ خىل تەمكىنلىك نۇرغۇنلىغان كېچە-كۈندۈزلەرنىڭ ئۈزۈلمەي توپلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ، بىر كۈن، بىر مىنۇت، بىر سېكونتى كەم قالسىمۇ بولمايدۇ.

所以,年轻人,当你们看到那些年长的人,日以继夜地努力所得尔尔却不急不躁时,不要羡慕这份淡定,等你们到了这个年纪,也必然会是这个样子。

شۇڭا، ياشلار، ئۆزۈڭلەردىن چوڭلارنىڭ كېچە-كۈندۈز تىرىشىش ئارقىلىق ئادەتتىكىچىلا نەتىجىگە ئېرىشىپ قالغاندىمۇ قىزىققانلىق قىلمىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەمكىنلىكىگە ھەۋەس قىلماڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ يېشىغا بارغاندا مۇقەررەر شۇنداق بولىسىلەر.

追求目标要砥砺前行,面对所得要保持初心。

غايە ئۈچۈن ئىزدىنىش يولىدا بەلنى چىڭ باغلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش، نەتىجىگە ئېرىشكەندە ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە ساقلاش كېرەك.

唯有如此,一个人才能一辈子都保有在路上的少年情怀。

ئادەم پەقەت شۇنداق قىلالىغاندىلا، ھاياتلىق يولىدىكى ياشلارغا خاس تۇيغۇنى ساقلىيالايدۇ.

看到这里,也许你会说,我能够砥砺前行,也能在面对所得时保持初心,但请告诉我,目标在哪里,又该如何去追求。

ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئېھتىمال: «مەن بېلىمنى چىڭ باغلاپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمەن، نەتىجىگە ئېرىشكەندىمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە ساقلىيالايمەن. بىراق، نىشان قەيەردە، ئۇ توغرىسىدا قانداق ئىزدىنىشىم كېرەك؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.

的确,很多人缺乏的不是追梦的勇气,而是一个开始,一个开始的支点。

دەرۋەقە، نۇرغۇن ئادەمدە كەمچىل بولغىنى غايە ئۈچۈن ئىزدىنىش غەيرىتى بولماستىن، بەلكى، بىر باشلىنىش، باشلىنىشنىڭ تىرەش نۇقتىسى.

就像二十岁的我,完全不知道自己将来要做什么,虽然上的是师专,对于老师这个职业却充满排斥。我的理想大学是北大中文系啊,可惜我压根没有那样的实力。就连这所普通师专,也是复读一年费了九牛二虎之力才得以考上。

نۇرغۇنلار خۇددى 20 ياشلىق مەندەك ئۆزىگە كەلگۈسىدە نېمە كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ، ئوقۇۋاتقىنى سىفەن ئالىي تېخنىكومى بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپكە پەقەتلا قىزىقمايدۇ. مەنمۇ بېيجىڭ داشۆنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. بىراق، مەندە ئۇ مەكتەپكە ئۆتكۈدەك ئىقتىدار ئەسلا يوق ئىدى. ھەتتا، مۇشۇ ئادەتتىكى سىفەن ئالىي تېخنىكومىغىمۇ بىر يىل تەكرار ئوقۇپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئاران ئۆتكەن.

考上这所学校,却不爱这里的一切,课本懒得翻看,考试六十分万岁。我总想着这辈子要做点什么大事,却不知道到底从哪里下手才好。

بۇ مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ، بۇ يەرنىڭ ھېچنەرسىسىنى ياقتۇرمىدىم، دەرسلىكلىرىنى كۆرۈش خۇشياقمىدى، ئىمتىھاندا 60 نومۇر ئالساملا بولدى قىلدىم. مەن يەنە ھەمىشە چوڭ ئىش قىلىش خىيالىدا يۈرسەممۇ، قەيەردىن باشلىسام ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

迷茫痛苦,何以解忧?唯有读书。两年师专,我不知道自己读了多少本小说,总之能看到能读到的书,全部都囫囵吞枣地读了。除了读书,我还写文章,那个时候我做梦都没想到有一天自己会靠写作吃饭。当初的写文章,就是给自己一个出口,不至于被沉重庞大的现实压死。

گاڭگىراش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ بۇلاردىن كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ. ئىككى يىللىق سىفەن ئالىي تېخنىكومىدا قانچىلىك ھېكايە-رومان ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ، كۆرگىلى، ئوقۇغىلى بولىدىغانلىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى قاراقويۇق ئوقۇۋەرگەندىن باشقا، يەنە ماقالە يازدىم. شۇ چاغلاردا مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم. دەسلەپتە ئۆزۈمگە بىر چىقىش يولى تېپىش، بېسىمى زىيادە ئېغىر رېئاللىق ئالدىدا مەغلۇب بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈنلا ماقالە يازغانىدىم.


ღ ღ ღ


大学毕业,被横空出世的贵人成全,命运第一次向我展现笑脸。我没有当老师,而是改行成了小城电视台的一名记者。

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شەپقەتچىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، تەقدىر ماڭا تۇنجى قېتىم كۈلۈپ قارىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن ئوقۇتقۇچى بولماي، كەسپ ئۆزگەرتىپ بىر كىچىك شەھەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇخبىرلىق قىلدىم.

工作环境的给力,让我暂时失去了痛苦的理由。我热爱本职工作,尽职尽责完成工作任务。之后不久,结婚生女,日子一马平川,我认命了自己的庸俗,毫无违和感地准备开始顺遂又普通的人生。

خىزمەت مۇھىتىنىڭ ياخشىلىقى سەۋەبلىك ئازاب-ئوقۇبەتتىن ۋاقتىنچە يىراقلاشقان بولدۇم، خىزمىتىمنى قىزغىن سۆيۈپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تاماملىدىم. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، توي قىلىپ، بىر قىزىم بار بولدى، كۈنلىرىم بىر خىلدا ئۆتۈشكە باشلىدى، ئۆزۈمنىڭ ئاددىي ئادەملىكىمگە تەن بېرىپ، خاتىرجەم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ھەم ئادەتتىكىچە ھاياتىمنى باشلاشقا تەييارلاندىم.

如果说和身边人有何不同,那就是我依然在读书、在写作。这种读书和写作,没有任何功利目的,就是一种爱好,就是一种打发日子的方式,和沉迷于八卦麻将美容的他人没有任何区别。

ئەتراپىمدىكىلەردىن قانداق پەرقىم بار دېيىلسە، ئۇ دەل مېنىڭ ھېلىھەم كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىم، يېزىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىم ئىدى. مېنىڭ بۇ كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق قىلىشىم ھېچقانداق پايدا-مەنپەئەتنى نىشانلىمىغان ئادەتتىكى مەنىدىكى قىزىقىش، بىر خىل كۈن ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى بولۇپ، كىشىلەر مەپتۇن بولۇپ قالغان باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىش، ماجياڭ ئويناش، ھۆسن تۈزىتىشلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىدى.

我不再做春秋大梦,觉得这样波平浪静地过一辈子也不错。唯一有点不那么满足的,是经济拮据,一直缺钱。

شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن خام خىيال قىلماي: «ھاياتنى مۇشۇنداق تىنچ-خاتىرجەم، بىر خىلدا ئۆتكۈزسىمۇ ياخشىكەنغۇ» دەپ ئويلىدىم. ئانچە رازى بولمىغان بىردىنبىر يېرىم ئىقتىسادنىڭ قىسلىقى، ئىزچىل پۇل كەمچىل بولۇۋاتقانلىقى ئىدى.

缺钱就想要挣钱,业余时间做过各种小生意,最后,机缘巧合走上自由撰稿人的道路。

پۇل كەمچىل بولغاندىن كېيىن پۇل تېپىشنى ئويلاپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ھەرخىل ئۇششاق سودا قىلدىم ۋە ئاخىرىدا، شۇنداق بىر ئۇدۇل كېلىپ قېلىشلار بىلەن ئەركىن ماقالە يېزىش يولىغا قەدەم ئالدىم.

刚刚成为自由撰稿人时,我的目的就一个:挣稿费。十年前我以为这个目的会是一辈子的目标,时光演进,一路迤逦到今天,忽然发现,稿费已经不重要了。现在的我,不但想要挣钱,更想要借助文字做点事,做点踏踏实实的事,比如通过文字给迷茫者以回复,让他们通过我的文字,在迷茫绝望的黑暗中看到一烛微光。

دەسلەپ ئەركىن ماقالە يازغۇچى بولغاندا، قەلەم ھەققى تېپىشنى بىردىنبىر مەقسەت قىلدىم. ئون يىل ئىلگىرى مەن بۇنى ئۆمۈرلۈك نىشانىم بولىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، بىر مەزگىل ئۆتۈپ، ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز قەلەم ھەققىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بايقىدىم. ھازىر مەن پۇل تېپىشتىن باشقا، يەنە يېزىقنىڭ ياردىمىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك ئاز-تولا ئىش قىلىشنى ئويلايمەن. مەسىلەن، يېزىق ئارقىلىق گاڭگىراۋاتقانلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارغا مېنىڭ يازمىلىرىم ئارقىلىق گاڭگىراش ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇقنى كۆرسىتىشنى ئويلايمەن.

意识到这一点时,内心有了真正的安宁。也只有到了这一刻,才发现,曾经的迷茫无助已然不知不觉脱胎换骨成另外的情怀。

بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەندە، قەلبىم ھەقىقىي خاتىرجەملىككە ئېرىشتى، مۇشۇ دەقىقىگە كەلگەندە، ئاندىن ئىلگىرىكى گاڭگىراش ۋە ياردەمسىزلىكلىرىمنىڭ بىلىپ-بىلمەي باشقا بىر خىل تۇيغۇغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.

从十六七岁开始的迷茫,经过漫长的三十年历练,终于在人到中年的门槛上填补了缺口,成为一个完满的圆。

16-17 ياشلىرىمدا گاڭگىراشقا باشلىغانىدىم، ئۇزۇنغا سوزۇلغان 30 يىل جەريانىدا تاۋلىنىپ، ئوتتۇرا ياشنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە، ئاخىر كەمچىلىكىمنى تولۇقلاپ ھاياتىمنى مۇكەممەل چەمبەرگە ئايلاندۇردۇم.

这个圆,不是终极圆满,但有了它,无论面对什么经历什么,都不会再困顿迷茫。

بۇ چەمبەر ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل چەمبەر ئەمەس، بىراق ئۇ بار بولسا، نېمىگە يولۇقۇش، قانداقلا ئىشنى باشتىن كەچۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، قايتا بېشىم قاتمايدۇ، گاڭگىرىمايمەن.

内心获得盛大的平静和喜悦之际,再来看那些挣扎在深渊中的孩子,特别想由衷地告诉大家一句话:所有的迷茫绝望和无助,都是灵魂趋向丰满成熟的催化剂,所以,不要怕也不要怨,你们要感激,感激痛苦一次又一次将你袭击。唯有不停被袭,生命才能保持痛感,这痛感,是每个生命逆袭的必需助力。

قەلب زور تىنچلىق ۋە خۇشاللىققا ئېرىشكەن پەيتتە، چوڭقۇرلۇقلاردا تىركىشىۋاتقان ئاشۇ بالىلارغا قايتا قاراپ باقايلى. بۇ يەردە كۆپچىلىككە چىن قەلبىمدىن مۇنۇلارنى دېگۈم كېلىدۇ: بارلىق گاڭگىراش، ئۈمىدسىزلىنىش ۋە ياردەمسىزلىكلەر مەنىۋىيەتنى موللىشىش ۋە پىشىپ يېتىلىشىكە قاراپ ئىلگىرىلىتىدىغان كاتالىزاتور. شۇڭا، ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئۆزۈڭلەرگە قايتا-قايتا زەربە بەرگىنىدىن قورقۇش، ئاغرىنىشنىڭ ئەكسىچە، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار. ھاياتلىق پەقەت توختىماي زەربىگە ئۇچرىغاندىلا، ئاندىن ئاغرىش سېزىمىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ خىل ئاغرىش سېزىمى ھەربىر ھاياتلىقنىڭ قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى زۆرۈر ياردەمچى.


ღ ღ ღ


无法确定目标,那就先不要确定目标,只尽心尽力地过好每一天。

نىشان بېكىتەلمىسىڭىز، دەسلەپتە نىشان بېكىتىشكە ئالدىرىماي، ھەربىر كۈنىڭىزنى كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئۆتكۈزۈڭ.

如何尽心尽力?做好本职工作的前提下,去成熟自己的爱好。如果没有明确爱好,请读书,读一切你感兴趣的书。如果实在没有特别感兴趣的书,就去阅读名著。

قانداق قىلغاندا كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلغانلىق بولىدۇ؟ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆز قىزىقىشىنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئېنىق قىزىقىشىڭىز بولمىسا، كىتاب ئوقۇڭ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بارلىق كىتابلارنى ئوقۇڭ. ناۋادا، ئالاھىدە قىزىقىدىغان كىتابىڭىز بولمىسا داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇڭ.

名著是岁月长河中沉淀出的精华,你不一定成为作家,但每一本名著中的主人公,会在不同的角度给人生以启迪。

داڭلىق ئەسەرلەر يىللاردىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن دەريادا چۆكمىلەنگەن جەۋھەرلەردۇر. سىزنىڭ يازغۇچى بولالىشىڭىز ناتايىن. بىراق، ھەربىر داڭلىق ئەسەردىكى باش پېرسوناژ ھاياتلىق توغرىسىدا كىشىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ ئىلھام بېرىدۇ.

当你不知道自己怎么做时,去看看别人如何做。现在是一个精神产品极大丰富的时代,遴选高质量平台,接触积极阳光正能量的文字,潜移默化地渗透,只要持之以恒,灵魂总会一点点发生质变。

قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن چېغىڭىزدا، باشقىلارنىڭ قانداق قىلغىنىغا قاراڭ. ھازىر مەنىۋى مەھسۇلاتلار ناھايىتى مول دەۋر. يۇقىرى سۈپەتلىك سۇپىلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك يازمىلارنى ئوقۇپ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئۈن-تىنسىز سىڭدۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، روھىيىتىڭىزدە ھامان بىر كۈنى ئاز-ئازدىن ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ.

这个过程中,一些人会逐渐发现个人的兴趣所在。发现个人兴趣所在,知道要做点什么了,作为行业新手,往往会更加痛苦。这种痛苦,或者因为技艺不精,或者目标过于遥远,遥远到几乎无法实现。

بۇ جەرياندا، بەزىلەر ئۆزىنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا بايقىۋالىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بايقىغاندىن كېيىن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلىۋېلىش كېرەك. بۇ كەسپكە يېڭىدىن كىرىشكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئازاب-ئوقۇبەت ماھارەتتە پىششىق بولماسلىق ياكى نىشان زىيادە يىراق بولۇش، يىراقلىقىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسەن دېگۈدەك مۇمكىن بولماسلىقتىن كېلىدۇ.

这个时候,请牢记我前面提过的那句话:追求目标要砥砺前行,面对所得要保持初心。

بۇنداق چاغدا، مەن ئالدىدا تىلغا ئالغان مۇنۇ جۈملىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ: نىشان ئۈچۈن تىرىشقاندا، بەلنى چىڭ باغلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش، نەتىجىگە ئېرىشكەندە ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە ساقلاش كېرەك.

年轻,总是容易急功近利,总是习惯将结果看得过分重要。这种心浮气躁,每个人都有经历,成熟的个体会随着时日推进,日渐开悟过程重于结果,不成熟的人则会一直茫然徘徊。

ياشلىقتا ئادەم ھەمىشە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، نەتىجىنى زىيادە مۇھىم بىلىشكە ئادەتلەنگەن بولىدۇ. بۇنداق يەڭگىلتەكلىكنى ھەممىلا ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن ئادەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بارا-بارا چۈشىنىش جەريانى نەتىجىدىن مۇھىم بولىدۇ، پىشىپ يېتىلمىگەنلەر ئىزچىل گاڭگىراپ، ئىككىلىنىپ يۈرىدۇ.

对人生的开悟,可遇不可求,只能一步步往前走。这其中有窍门,那就是不要过多横向比较,尽量纵向回顾。

ھاياتلىقنى چۈشىنىپ يېتىدىغان باسقۇچنى ساقلاشقىلا بولىدۇكى، ئالدىراپ كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە پەم كېتىدۇ. بۇ پەم دەل يۈزەكى سېلىشتۇرۇشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، چوڭقۇرلۇق ئۈستىدە ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

但凡真正有了耕耘,一个人总会有收获。这种收获,横向对比他人时,可能微不足道,但具体到个人,纵向俯瞰,会发现生命已然大不同。

ھەقىقىي ئەجىر سىڭدۈرگەن ئادەم ھامان ھاسىلاتقا ئېرىشىدۇ. بۇ خىل ھاسىلاتنى باشقىلارنىڭكى بىلەن يۈزەكى سېلىشتۇرغاندا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، شەخسكە كونكرېتلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلۇققا نەزەر سالغاندا، ھاياتىنىڭ باشقىلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

我们只负责努力,余下的交给命运。有了这份达观,逐梦路上,再无深渊。

بىز پەقەت تىرىشساقلا بولدى، قالغىنىنى تەقدىرگە تاپشۇرايلى. مۇشۇ خىل كەڭ قورساقلىق بولغاندىلا، غايە ئۈچۈن ئىزدىنىش يولى ئۇنچە يىراق بىلىنمەيدۇ.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章