ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سىنۋالنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، جۇڭگو تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى
10-ئاينىڭ 18-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئىسرائىلىيە تەرەپ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ رەھبىرى يەھيا سىنۋالنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سىنۋالنىڭ ئۆلۈمىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توقۇنۇش-قارشىلىشىشنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، دەپ قارايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز
شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ
خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى
تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى
ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە