مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

时事   2024-10-17 14:39   北京  

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى! 

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باش باج ئىدارىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىش سىناق نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.

 «سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇ بايلىقى بېجىنى تاپشۇرغۇچىلار يەر ئۈستى سۈيى ياكى يەر ئاستى سۈيىنى بىۋاسىتە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردۇر. سۇ بايلىقى بېجى مىقدار بويىچە ھېسابلىنىدۇ، سۇ بايلىقى ئەھۋالى، سۇ ئېلىش-ئىشلىتىش تۈرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن پەرقلىق باج سوممىسى ئېلىنىدۇ. دۆلەت ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سۇ بايلىقى بېجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئوتتۇرىچە باج سوممىسى ئۆلچىمىنى بىرتۇتاش ئايدىڭلاشتۇردى، كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خېبېي، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)دە سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان. ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشنى تىزگىنلەش، سۇ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش، سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇ ئېلىش، ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، باجنىڭ پىشاڭلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدىكەن، بۇ، كارخانا قاتارلىق جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ سۇ تېجەش ئېڭى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىلارنى سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئايلانما پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئۈرۈمچى ساقچىلىرى شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章