ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاخىرقى بۇرچى

时事   2024-10-18 22:00   北京  

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




父母的终极使命,是培养出适应社会的孩子

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاخىرقى بۇرچى __ جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر



ღ ღ ღ


前段有个妈妈找我咨询。

ئالدىنقى مەزگىللەردە بىر ئانا مېنى مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئىزدىدى.

她儿子从小就是学霸,一路重点学校,一直年级前三,最后保送进了名牌大学。

ئۇنىڭ ئوغلى كىچىكىدىنلا ئەلاچى بولۇپ، ئىزچىل نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ ھەمدە يىللىقلار بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئاخىرىدا داڭلىق داشۆگە ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدۇ.

可是大学毕业一年,他失业三次。前两次是没过试用期,第三次是自己估计通不过,主动打包走人了。

بىراق، داشۆ پۈتتۈرگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئۇ ئۈچ قېتىم ئىشسىز قالىدۇ. ئالدىنقى ئىككى قېتىمدا سىناق مەزگىلىدىن ئۆتەلمىگەن بولسا، ئۈچىنچى قېتىمدا سىناق مەزگىلىدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزىلا پەملەپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېتىپ قالىدۇ.

然后他就拒绝再找工作,现在已经在家闷了快半年,整天打游戏到深夜,无节制地吃垃圾食品。

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە خىزمەت ئىزدەشنى خالىماي، ئۆيدە يېرىم يىلغا يېقىن بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇرىدۇ، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە ئويۇن ئوينايدىغان، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بولۇشىچە يەيدىغان بولۇۋالىدۇ.

这位妈妈急得起火,偷偷打电话给儿子的前领导。对方也坦诚,说:你儿子对工作不上心,好几次安排他工作,他根本就不干,还没有任何理由,批评他一次,第二天人家就不上班了。而且他不太懂事,开会老呛领导,走廊里见了老总从来不打招呼,跟同事相处也不好……

شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئانا قاتتىق تىت-تىت بولۇپ ئوغلىنىڭ سابىق باشلىقىغا يوشۇرۇنچە تېلېفون قىلغاندا، قارشى تەرەپ راستىنى ئېيتىپ: «ئوغلىڭىز خىزمەتكە كۆڭۈل قويمايدۇ، ئورۇنلاشتۇرغان بىر نەچچە قېتىملىق خىزمەتنى ئۇ ھېچقانداق سەۋەبسىزلا قىلغىلى ئۇنىمىدى، بىر قېتىم تەنقىدلىسەك، ئەتىسىلا ئىشقا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئانچە ئىش ئۇقمايدۇ، يىغىن ئاچقاندا دائىم باشلىقنىڭ سۆزىگە لوقما سالىدۇ، كارىدوردا باش دېرىكتور ئۇچراپ قالسا ئەزەلدىن ئەھۋال سورىمايدۇ، خىزمەتداشلىرى بىلەنمۇ چىقىشالمايدۇ.... » دەيدۇ.

这些话让她很吃惊。她承认儿子确实有点自我,但没料到问题如此严重。

بۇ سۆزلەر ئانىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەن ئازراق ئۆز بېشىمچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، مەسىلىنىڭ بۇنچە ئېغىرلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

她说,“我一个那么优秀的儿子,以前一直是我的骄傲,我也觉得自己是挺成功的母亲,但怎么一下子就变成这样了呢?”

ئۇ: «مېنىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ئوغلۇم ئىزچىل پەخرىم بولۇپ كەلگەنىدى، ئۆزۈمنى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئانا دەپ ئويلايتتىم. بىراق، ئىشلار نېمىشقا بىردىنلا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟» دەپ سورىدى.


ღ ღ ღ


我倒觉得,事情肯定不是“一下子”变糟糕的。

ئەكسىچە، مەن ئىشلارنى چوقۇم «بىردىنلا» ئوساللىشىپ كەتمىگەن، دەپ قارىدىم.

这男孩子身上,肯定一向有些糟糕的特质,比如不善与人交往、不懂尊重他人、心理脆弱、责任心差……只是在大学毕业前,这些统统都被成绩掩盖了。

بۇ بالىدا چوقۇم قىسمەن ناچار ئىللەتلەر بولۇشى، مەسىلەن، كىشىلىك ئالاقىگە ماھىر بولماسلىقى، باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەسلىكى، پىسخىكىسى ئاجىز، مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.... بىراق، داشۆ پۈتتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۆگىنىش نەتىجىسى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

很多家长都有一个错误思维——孩子嘛,健康快乐成绩好就一切OK

نۇرغۇن ئائىلە باشلىقلىرى: «بالىلار ساغلام، خۇشال، ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى بولسىلا بولدى» دەپ خاتا تەپەككۇر قىلىدۇ.

所以,在他两岁时,你给他做花样早餐、教他学英语单词,却没有教他要懂规矩有礼貌,他随便拿别人的东西,见到长辈不问好,你不以为然。于是他工作后,在安静的办公室里大吃零食大声说话,遇到领导视若无睹,都觉得理所当然。

چۈنكى، بالىڭىز ئىككى ياشقا كىرگەندە، سىز ئۇنىڭغا ھەرخىل ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەن، ئىنگلىزچە تاق خەتلەرنى ئۆگەتكەن بولسىڭىزمۇ، قائىدە-يوسۇنلارغا ئەمەل قىلىش، ئەدەب-قائىدىلىك بولۇشنى ئۆگەتمىدىڭىز؛ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى خالىغانچە ئالسا، چوڭلارنى كۆرگەندە ئەھۋال سورىمىسا، كارىڭىز بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، جىمجىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى خالىغانچە يېدى، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلدى، باشلىقى ئۇچراپ قالسا كۆرمەسكە سالدى، ھەم ئىشلارنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىدى.

在他五岁时,你让他学书法学钢琴学跆拳道,却没有教他怎么跟小朋友愉快地玩耍,他霸占公共玩具你由他去,他受欺负你帮他打回去。于是他工作后跟老同事抢电脑争业绩,总是无意识地侵犯别人,屡屡与人发生冲突,又不知如何解决。

بالىڭىز بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭغا خەتتاتلىق، پىيانىنو، تەيچۈەن گۇمپىسى ئۆگەتتىڭىز-يۇ، قانداق قىلغاندا، كىچىك دوستلار بىلەن خۇشال ئوينىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز؛ ئۇ ئاممىۋى ئويۇنچۇقلارنى ئىگىلىۋالغاندا مەيلىگە قويۇپ بەردىڭىز؛ بوزەك بولسا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ باشقىلارنى ئۇرۇپ بەردىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ھەمىشە خىزمەتداشلىرىدىن كومپيۇتېر، خىزمەت نەتىجىسى تالاشتى، ئاڭسىز ھالدا باشقىلارغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، كۆپ قېتىم باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندىمۇ قانداق ھەل قىلىشنى بىلمىدى.

他十岁时,你只关注他有没有考优秀被表扬,却没有告诉他要尊重老师感恩父母,他对长辈大喊大叫,你觉得勇气可嘉,吃饭时别人没落座他就大快朵颐,你觉得他吃饱就好。于是工作后领导夹菜他转桌,领导开门他上车,领导开会他唠嗑,还丝毫意识不到有何不妥。

بالىڭىز 10 ياشقا كىرگەندە، سىز ئۇنىڭ ئىمتىھاندا ئەلاچى بولۇپ تەقدىرلەنگەن-تەقدىرلەنمىگەنلىكىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتا-ئانىسىدىن مىننەتدار بولۇشنى ئېيتمىدىڭىز؛ چوڭلارغا ۋارقىراپ-جارقىرىغاندا، ئۆزىڭىزچە ئۇنى بەك باتۇردەك ھېس قىلدىڭىز؛ تاماق ۋاقتىدا باشقىلار ئورۇن ئالماي تۇرۇپلا ئۇ بولۇشىچە يېيىشكە باشلىغاندا، بالىڭىزنى «قورسىقى تويسىلا بولدى» دەپ ئويلىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، باشلىقلىرى قورۇمىلاردىن ئېلىۋاتسا، ئۇ ئۈستەلنى پىرقىراتتى، باشلىقى ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچسا ئۆزى چىقىۋالدى، يىغىن ئېچىلغاندا قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇردى، ھەتتا  بۇنداق قىلىشنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئەسلا بايقىمىدى.

他十五岁时,你全心都是他能不能考上好大学,却没有教他如何让内心强大,老师一个冷眼他成绩就下降,亲戚一句闲话他就恼羞成怒,你和他同仇敌忾,认为都是老师和亲戚的错。于是工作后领导批评几句他就想辞职,工作出一点问题他就惶恐不已,难以承受。

بالىڭىز 15 ياشقا كىرگەندە، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ياخشى داشۆگە ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىكىنىلا ئويلاپ، قانداق قىلغاندا ئىچكى دۇنيانى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگەتمىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر قېتىملىق سوغۇق نەزەرى سەۋەبلىك نەتىجىسى چۈشۈپ كەتتى، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بىر ئېغىز گېپىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇنداق چاغدا، سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ: «ھەممە خاتالىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلاردا» دەپ قارىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، باشلىقى بىر نەچچە ئېغىز تەنقىدلەپ قويسىلا ئىستېپا بېرىشنى ئويلىدى، خىزمىتىدىن ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسە قاتتىق ئالاقزەدە بولۇپ، قوبۇل قىلىشى تەسكە توختىدى.

他二十岁时,你总想着他能不能找到好工作,却没有告诉他人性复杂、世道艰难,不舍得他吃一点苦。于是毕业后他出个差加个班就叫苦连天,面对同事的排挤孤立、明争暗斗,全无应对能力。

بالىڭىز 20 ياشقا كىرگەندە، سىز ھەمىشە ئۇنىڭ ياخشى خىزمەت تاپالايدىغان-تاپالمايدىغانلىقىنىلا ئويلاپ، ئۇنىڭغا ئىنسان خاراكتېرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ھايات يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، ئۇنىڭ ئازراقمۇ جاپا چېكىشىگە چىدىمىدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كاماندىروپكىغا چىقسا ياكى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ قويسىمۇ زار-زار قاقشىدى، خىزمەتداشلىرىنىڭ چەتكە قېقىشلىرى، يالغۇز قويۇشلىرى، ئۆزئارا پۇت تېپىشىشلىرى ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى.

——他可能如你所愿考上了名校,拿了很高的学位,甚至还多才多艺。但是,他自私、冷漠、脆弱、没担当、不懂事……完全不适应社会。

ئېھتىمال، ئۇ ئارزۇيىڭىزغا يارىشا داڭلىق داشۆگە ئۆتۈپ، ناھايىتى يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، ھەتتا، نۇرغۇن ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەندۇ. ئەمما ئۇ شەخسىيەتچى، سوغۇق مىجەز، ئاجىز، مەسئۇلىيەتسىز، ئىش ئۇقمايدىغان.... بولغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە ئەسلا ماسلىشالمايدۇ.

在社会这片海,他刚一下水,就出现巨大的排异反应。别人的毛毛雨,都是他的狂风暴雨,别人的小浪花,都是他的惊涛骇浪。

جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ دېڭىزدا ئۇ سۇغا چۈشۈشى بىلەنلا غايەت زور چەتكە سىقىپ چىقىرىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ، باشقىلارغا سىم-سىم چۈشكەندەك كۆرۈنگەن يامغۇر ئۇنىڭغا بوران-چاپقۇندەك بىلىنىدۇ، باشقىلارغا پېشكەلچىلىك بىلىنگەن ئىشلار ئۇنىڭغا دەھشەتلىك بىلىنىدۇ.

友谊的小船就翻了,工作的大船就沉了,人生的巨轮也漏了。

شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ دوستلۇقتىن ئىبارەت كىچىك كېمىسى ئۆرۈلىدۇ، خىزمەتتىن ئىبارەت چوڭ كېمىسى چۆكۈپ كېتىدۇ، ھاياتتىن ئىبارەت غايەت زور كېمىسىگىمۇ سۇ كىرىپ كېتىدۇ.

他头破血流,你不知所措。

ئاخىرىدا، ئۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، سىز ئىلاجىسىز قالىسىز.


ღ ღ ღ


永远拿第一名的孩子,未必真优秀。

مەڭگۈ بىرىنچىلىكنى ئالىدىغان بالىنىڭ ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر بولۇشى ناتايىن.

把孩子送进名校的父母,也未必真成功。

بالىلىرىنى داڭلىق مەكتەپكە ئۆتكۈزەلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇشى ناتايىن.

成绩很重要,但绝不是唯一。

نەتىجە ھەقىقەتەن مۇھىم بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز بىز كۆزلەيدىغان بىردىنبىر نەرسە ئەمەس.

社会才是检验一个人和一对父母的最终标准。而这个标准,是综合性的。

پەقەت جەمئىيەتلا بىر ئادەم ۋە بىر جۈپ ئاتا-ئانىنى تەكشۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆلچەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۆلچەم ئۇنىۋېرساللاشقان بولىدۇ.


ღ ღ ღ


我在报社做记者时,带过很多实习生,现在大多连模样都忘了,只有一个姑娘,我印象深刻。

مەن گېزىتخانىدا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا نۇرغۇن پىراكتىكانتنى يېتەكلىگەن بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىرايىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىر قىزلا مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

她是香港人,大三暑假来交流实习。

ئۇ قىز شياڭگاڭلىق بولۇپ، داشۆنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدىكى يازلىق تەتىلدە بىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە پىراكتىكا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

她见到我的第一句话就是:老师你好,我给你带了棒棒糖。

ئىككىمىز تۇنجى كۆرۈشكەندە، ئۇ ئالدى بىلەن: «ياخشىمۇسىز مۇئەللىم، مەن سىزگە چوكىلىق كەمپۈت ئېلىپ كەلدىم» دېگەنىدى.

我先让她看了一天报纸,晚上问她感受,她说有些标题跟香港报纸的风格不一样。然后给我举了几个例子。我觉得很有趣,第二天写了稿子,就让她取标题。她苦思冥想很久,饭也不吃,一举取了二十几个。

ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، مەن ئالدى بىلەن ئۇنى بىر كۈن گېزىت كۆرۈشكە بۇيرۇپ، كەچتە تەسىراتىنى سورىسام، ئۇ بەزى تېمىلارنىڭ شياڭگاڭدىكى گېزىتلەرنىڭ تېما قويۇش ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈپ بەردى. بۇ ماڭا بەكلا قىزىقارلىق بىلىنگەنلىكتىن، ئەتىسى ماقالە يېزىپ، ئۇنى ئىسىم قويۇشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە باش قاتۇرۇپ، تاماقمۇ يېمەي 20 نەچچە ئىسىم قويدى.

后来我让她试着写稿,她每次都特认真,两百字的稿子要查几十份资料。不过有时还是不过关,我得全部推翻重写。她也不难过,会反复看我的版本,总结经验,很谦虚礼貌地问我她的问题在哪里。

كېيىن، ماقالە يېزىپ بېقىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىل بولدى ھەمدە 200 خەتلىك ماقالە ئۈچۈن نەچچە ئون پارچە ماتېرىيال كۆردى، بەزى ماقالىلەر يارىماي، پۈتۈنلەي قايتا يېزىشقا بۇيرۇساممۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلماي، مېنىڭ ماقالىلىرىمنى قايتا-قايتا ئوقۇپ تەجرىبە توپلىدى، مەسىلىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن سورىدى.

平时同事们在办公室聊天,别的实习生都是默默旁听,只有她,会很努力也很恰当地加入,讲她的见闻和想法,她说话很好玩,常常引起笑声一片。

ئادەتتە، ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلار پاراڭلاشقاندا، باشقا پىراكتىكانتلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا، پەقەت ئۇلا تىرىشچانلىق بىلەن سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گەپ قىلىش ئۇسلۇبى بەكلا قىزىقارلىق بولغانلىقتىن، بىزنى ھەمىشە كۈلدۈرۈپلا تۇردى.

有一次我俩去找主任汇报工作,她走前面,到了门口,忽然缩回来,我问怎么了,她吐吐舌头,说“我看见主任正在聚精会神打喷嚏,我爸说不能打扰别人打喷嚏”。

بىر قېتىم ئىككىمىز مۇدىرغا خىزمەت دوكلاتى قىلغىلى كىرگەندە، ئۇ ئالدىدا ماڭغان بولۇپ، ئىشىك ئالدىغا بارغاندا تۇيۇقسىز ئارقىغا يېنىپ كەتتى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام، ئۇ تىلىنى چىقىرىپ قويۇپ: «قارىسام مۇدىر پۈتۈن زېھنى بىلەن چۈشكۈرۈۋېتىپتۇ، دادام: <باشقىلار چۈشكۈرۈۋاتقاندا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ> دېگەنىدى» دېدى.

她实习了一个多月,是唯一一个离开时已经能独立写稿的实习生,唯一一个让三位主任都记住了她的实习生,唯一一个我舍不得放走的实习生。

ئۇ بىر ئايدىن كۆپرەك پىراكتىكا قىلغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇ مۇستەقىل ماقالە يازالايدىغان، شۇنداقلا ئۈچ مۇدىرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە قالغان، مەن كەتكۈزۈۋېتىشكە چىدىمىغان بىردىنبىر پىراكتىكانت بولۇپ قالغانىدى.

我至今认为,这姑娘无论在什么单位,一定都能做得很好,都会深受欢迎。

مەن تاكى ھازىرغىچە بۇ قىزنى قانداقلا ئىدارىدە ئىشلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم ناھايىتى ياخشى چىقالايدۇ، قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

而她的教养、友善、责任感、主动性、抗挫能力,一定都有她父母的功劳。

ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ساپاسى، دوستانىلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئاكتىپلىقى، ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلاردىمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇئەييەن تۆھپىسى بار.

记得她有次告诉我,她爸妈每次打电话,都会问几个问题:今天有没有帮到老师?有没有认识新朋友?自己有什么收获?

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم ئۇ ماڭا ئاتا-ئانىسى تېلېفون قىلسا تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچىلا سوئالنى سورايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى: بۈگۈن يېتەكچىڭىزگە ياردەم قىلدىڭىزمۇ؟ يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ قانداق ھاسىلاتقا ئېرىشتىڭىز؟

我想,能问出这些问题的父母,跟那些只会问孩子“有没有吃饱穿暖”的父母,一定大不相同。

مېنىڭچە، بۇنداق سوئاللارنى سورىيالايدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن: «قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ، توڭلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئاتا-ئانىلاردىن چوقۇم كۆپ پەرقلىنىدۇ.


ღ ღ ღ


龙应台说,所谓父女母子一场,只不过意味着,今生今世不断地目送他的背影渐行渐远。

لۇڭ يىڭتەي: «ئاتا-بالا، ئانا-بالا بولۇشۇش بۇ ھاياتتا ئۇنىڭ بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقان گەۋدىسىنى كۆزلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەنىدى.

其实每个父母也都知道,孩子总归要离开我们,走上社会,用自己的头脑和双手创造自己的人生。

ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ھامان بىزدىن ئايرىلىپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بىر جۈپ قولى ۋە كاللىسىغا تايىنىپ ئۆز  ھاياتىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

我们可以在他年幼时提供舒适的生活,极致的呵护,但不可能陪他一辈子。总有一天,他要独自面对这世界,自己解难题,自己担风雨,自己杀血路。

شۇڭا، بىز ئۇلارنى گۆدەك ۋاقىتلىرىدا راھەت تۇرمۇش بىلەن تەمىنلەپ، بار كۈچىمىز بىلەن ئاسرىساق بولىدۇ. بىراق، ئۇلارغا ئۆمۈربويى ھەمراھ بولالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ دۇنياغا مۇستەقىل يۈزلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى يېشىدۇ، جاپا-مۇشەققەتنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆزلىرى بىر يول تاپىدۇ.

所以,如果你真的爱他,就该在他离开你之前,教会他和世界相处的能力,这是你对他的最大帮助和保护。

شۇڭا، ئۇنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز، ئۇ سىزدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرىلا ھەرخىل ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ. بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭىز ۋە قوغدىشىڭىز بولۇپ قالىدۇ.

为人父母的终极使命,其实是培养出适应社会的孩子。

ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاخىرقى بۇرچى، ئەمەلىيەتتە، جەمئىيەتكە ماسلىشالايدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر.

孩子能在社会上活得开心、顺畅、如鱼得水、游刃有余,才是作为父母的最大成功和最高荣誉。

بالىلارنىڭ جەمئىيەتتە خۇشال-خۇرام ياشىيالىشى، ئىشلىرىنىڭ راۋان بولۇشى، مۇھىتقا سۇغا ئېرىشكەن بېلىقتەك ماسلىشالىشى، ئىشقا پىششىق بولۇشىلا ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئېرىشىدىغان ئەڭ زور شەرىپى.




تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

         مەنبە: خەلق تورى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ ئۇرۇشالمايدىغان قىزنىڭ مۇھەببەتكە ئېرىشىش سالاھىيىتى يوق

◇ ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

◇ نادانلىقتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇقى ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاش

◇ تۇرمۇش مۇراسىم تۇيغۇسىغا مۇھتاج

◇ خۇشال بولالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى كەڭ قورساق بولالمىغانلىقىڭىزدا

◇ دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن يوللاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章