فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

时事   2024-10-16 22:10   北京  

فىلىپپىننىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى جۇڭگونىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بۈگۈن نەنخەي دېڭىزىدا فىلىپپىننىڭ بىر بېلىقچىلىق كېمىسى بىلەن جۇڭگونىڭ بىر دېڭىز ساقچى پاراخوتى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەردى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جۇڭگو پاراخوتىنىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلدى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

ماۋ نىڭ: چۈشىنىشىمچە، ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، فىلىپپىن تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاراخوتى جۇڭگونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە خەتەرلىك ئۇسۇلدا يۈرگەن ھەمدە بۇ دېڭىز تەۋەسىدە نورمال مەشغۇلات قىلىۋاتقان جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى بىلەن سۈركىلىپ كەتكەن. فىلىپپىن تەرەپنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپنى جۇڭگونىڭ نەنخەي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ۋەزىيەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 670 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

خۇشخەۋەر!مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭدىكى بىر جايدا يېڭىدىن ئالتۇن مېتال بايلىقى كۆپەيدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章