ئۇچقۇچى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن ئايروپىلان مەجبۇرىي قوندى

时事   2024-10-17 17:11   北京  

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئايروپىلان باشلىقى ئۆلۈپ قالغاندىن كېيىن نيۇيوركتا مەجبۇرىي قوندى

مەنبە: خەلق تورى


تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئايروپىلان باشلىقى تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ ئۆلگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتىكى كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومىغا مەجبۇرىي قوندى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئايروبۇس A350 تىپلىق بۇ ئايروپىلان ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ سېئاتىلدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان بولۇپ، سەپەر جەريانىدا ئايروپىلان باشلىقى پەھلىۋان تۇيۇقسىز ھوشسىزلانغان، جىددىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، شۇ ئايروپىلاندىكى باشقا ئىككى ئۇچقۇچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومىغا جىددىي قونغان.

باياناتتا دېيىلىشىچە، پەھلىۋان ئايروپىلان قونۇشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ قالغان. 59 ياشقا كىرگەن پەھلىۋان 2007-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىدە ئىشلىگەن، بۇ يىل 3-ئايدا ئۇ قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە داۋاملىق ئۇچۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق بەدەن مەسىلىسى بايقالمىغان.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بىر ئۇچقۇچىدا «جىددىي داۋالاش ئەھۋالى» يۈز بەرگەنلىكتىن شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت ئالتىلەردە كېننىدى خەلقئارا ئايرودرومىغا بىخەتەر قونغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە سېئاتىل تاكوما خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئۇچقان.




       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章