جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

时事   2024-10-23 15:01   北京  

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى! 3601 يەشىك ماددىي ئەشيا يېتىپ كەلدى!

شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ياردەم قىلغان جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى لىۋاندىكى بېيرۇت خەلقئارا ئايروپورتىغا يەتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى جەمئىي 3601 يەشىك بولۇپ، ناركوز دورىسى، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان كاناي نەيچىسى، ئوپېراتسىيە كىيىمى، ئوكسىگېن سۈمۈرۈش نىقابى قاتارلىق 65 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى مەزگىلدە لىۋان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، لىۋاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى پارتلاش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى. لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىۋاننى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، لىۋان تەرەپنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章