ھەربىي ئىشلار ۋە زوراۋانلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاستىسى ئەمەس

时事   2024-10-18 09:01   北京  

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى غەزە توقۇنۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا توختالدى: ھەربىي ئىشلار ۋە زوراۋانلىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ

مەنبە: خەلق تورى


2024-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى غەزە توقۇنۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى، ھازىر توقۇنۇش داۋاملاشماقتا. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەھىمسىز پاكىت ھەربىي ئىشلار ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەسلىكىنى، پەقەت يېڭى ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى يىراقلاشتۇرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ماۋ نىڭ شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: غەزە توقۇنۇشى بىر يىل داۋاملىشىپ، زور مىقداردىكى گۇناھسىز ھاياتلىقنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مىسلىسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتىنى پەيدا قىلدى، سىرتقا كېڭىيىش تەسىرى رايونغا تەسىر كۆرسەتتى، رايون جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلەشتى. جۇڭگو ئۇرۇش ئوتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تىنچلىقنىڭ يەنىلا ئىشقا ئاشمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ.

ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا جۇڭگو غەزە توقۇنۇشىدىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپمېڭىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش، «پەلەستىننى پەلەستىنلىكلەر ئىدارە قىلىش» غەزە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» كەلگۈسىدىكى تۈپ چىقىش يولى.

«پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىك ئېھتىياجىغىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك.» ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا يارىشىش يىغىنى ئېچىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ، ئاخىرىدا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشىنى، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىلاردىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.



       بېكىتكۈچى: ئابلىمىت بارى

       مەنبە: خەلق تورى

  مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز




تۆۋەندىكى مەزمۇنلارمۇ ئىنتايىن سەرخىل



◇ تېلېۋىزور كۆرۈشتىكى بۇ مەسىلە ھەل بولدى

◇ ئالتۇنچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى تەكشۈرۈلدى





خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


 خەيرلىك كەچ: باشقىلارنىڭ باھاسى بىلەن خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

 بارلىق خوشلىشىش ھەش-پەش دېگىچىلا يۈز بېرىدۇ

 خەيرلىك كەچ: ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章