كۆپلىگەن بانكا بۈگۈندىن باشلاپ خەلق پۇلى ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ
جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، جۇڭگو پوچتا ئامانەت بانكىسى قاتارلىق كۆپلىگەن بانكىلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ خەلق پۇلى ئامانەت پۇلىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى.
بۇنىڭ ئىچىدە قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بەش ئاساس نۇقتا تۆۋەنلىتىلىپ، %0.15 تىن %0.1 كە تەڭشەلدى؛ ئۈچ ئايلىق، ئالتە ئايلىق، بىر يىللىق، ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بىردەك 25 ئاساس نۇقتا تۆۋەنلىتىلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى % 1.1 بولىدۇ.
بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاساسلىق سودا بانكىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككىنچى قېتىم تۆۋەنلىتىشى ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
مۇھىم ئۇقتۇرۇش! پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز
شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ
خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى