دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى

时事   2024-10-21 17:01   北京  

دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى! 1.0 نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا بېيجىڭدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل ئۆزىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئەمەلىي قوللىنىش ھەم سۈپەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە «سۈپەت كۈچلۈك زەنجىرى» ئالماشتۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى تەشكىللەپ ئاچقان.

يىغىندا، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل ئۆزىكىنى دەلىللەش-تەكشۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ، دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل ئۆزىكىنىڭ سۈپىتىنى دەلىللەشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل ئۆزىكىنى دەلىللەش-تەكشۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ 1.0 نۇسخىسى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، ئاپتوموبىل ئۆزىكى قاپلىغان «لايىھەلەش-ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساش-قاچىلاپ سىناش-ئاپتوموبىلغا چىقىرىپ قوللىنىش» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بىخەتەرلىك، ئىشەنچلىكلىكنى دەلىللەش ئۆلچەم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىش مۇھىتىدىكى ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش ئۇسۇلىدىكى بىر يۈرۈش مودېل، ئاپتوموبىل ئۆزىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆلچەملىك سىناش ئۇسۇلى مودېلى ۋە تېخنىكىسى دەسلەپكى قەدەمدە تەتقىق قىلىپ يارىتىلىپ، يەتتە گۇرۇپپا 44 تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تۈرنى قاپلىغان ئىشەنچلىكلىكىنى سىناش تىزىملىكى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى؛ تەكرار ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىشكە بولىدىغان ئۆزەك لايىھەلەش تەلىپى ھەم ئاپتوموبىل ئۆزىكىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى لايىھەلەش، تەكشۈرۈش تېخنىكا ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىش دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ئۆزىكىنىڭ سۈپەت دەلىللەش سىستېمىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماي، يەنە كەلگۈسى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章