ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ھەققىدە

时事   2024-10-21 17:01   北京  

ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى 80 خىلدىن ئارتۇق ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورا دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى

مۇخبىرنىڭ 19-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق جۇڭگودا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە دورا ئىشلىتىش كاپالىتىنى كۈچەيتكەن، ھازىرغا قەدەر، 80 خىلدىن ئارتۇق ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

 پۈتۈن يەر شارىدا ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر 10 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، نۆۋەتتە، پەقەت 5كە يەتمەيدىغان ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر قاراتمىلىق داۋالاش لايىھەسىگە ئىگە. دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن 20 مىليوندىن ئارتۇق ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك ئاغرىقى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش سىستېمىسى، دورا تەتقىق قىلىپ يارىتىش، كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق قاتلاملاردا بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى سىجىل چىقاردى.

جۇڭگو ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە كېڭەش باشلىقى لى لىنكاڭ مۇنداق دەيدۇ: مەسىلەن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى، بۇ، 2-تۈركۈم (ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر) مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى دىياگنوز قويۇش-تەكشۈرۈش ھەمكارلىق تورىدىكى دوختۇرخانىلارنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ھەر يىلى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈشنى تەدرىجىي قويۇۋەتتى.

 بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە،  37 خىل ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە قارىتا دورا تەستىقلىنىپ بازارغا سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىلى چېگرا سىرتىدىكى يېڭى دورا ياكى يېڭى ماسلىشىش گۇۋاھنامىسى بولۇپ، جۇڭگودا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تەستىقلاندى. 2023-يىلى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىدىن 15 ى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر تۈرىدىن 16 نى قاپلاپ، ئون خىل كېسەللىككە ئىشلىتىلىدىغان دورىغا كاپالەتلىك قىلىش بوشلۇقىنى تولدۇردى. نۆۋەتتە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان 80 نەچچە خىل دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا ئىشلىتىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتلىشىپ باھانى چۈشۈرۈش ۋە خىراجەتنى ئاتچوت قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئادەم قېتىمدىكى ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقنىڭ يۈكى 5500 يۈەن يېنىكلىتىلگەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ ئىككى تۈركۈم ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ، 207 ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەملىكەت بويىچە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئومۇمىي سانى 324 تىن 419 غا كۆپەيدى.

 بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، جۇڭگو ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جاڭ شۇياڭ مۇنداق دېدى: بىز كۆپ پەنلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرىنى بىرلىكتە ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىر ئاغرىق ياكى بىر ئائىلىنى ئەڭ دەل جايىدا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش-داۋالاشتا، ئىلگىرى ئېنىق دىياگنوز قويۇشنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقتى تۆت يىل ئىدى، ھازىر دوختۇرخانىغا كەلگەن ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇش ۋاقتىمىز تۆت ھەپتە ئىچىدە بولۇۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章