بۇ ئىشنى توسۇشتا پارتىيە،ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالدىدا مېڭىشى كېرەك

时事   2024-10-17 21:31   北京  

«يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالدىدا مېڭىشى كېرەك» تېمسىدىكى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق تېجەش تەشۋىقاتىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى بېيجىڭدا باشلاندى

10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، دۆلەت ئورگانلىرى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇشتا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالدىدا مېڭىشى كېرەك» تېمىسىدىكى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق تېجەش تەشۋىقاتىنى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتى بېيجىڭدا باشلاندى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا «<ئورگان ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت كۆرسەتمىسى>نى چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» دۆلەت ئۆلچىمىنى چۈشەندۈرۈش كىتابى ئېلان قىلىنىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە تېجەشلىك بولۇشنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ئورگان ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلىشقا قارشى تۇرۇشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللىرى نامايان قىلىندى.

ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشلىق تېجەشتە ئۈلگە بولۇپ، تېجەشلىك بولۇش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېجەش مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تاماق ئۈستىلىدىكى «كىچىك مەدەنىيلىك» ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى «چوڭ مەدەنىيلىك»كە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئورگان ئاشخانىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم، ئادەت يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئالاقىدار قانۇن، سىياسەت، تۈزۈم، ئۆلچەملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئۈرۈمچى ساقچىلىرى شايكا ئەزاسىدىن 11 كىشىنى قولغا چۈشۈردى

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章