ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

时事   2024-10-22 18:10   北京  

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئىنكاس قايتۇردى!

شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، دېڭىز ئارمىيە داشۆسى لى شى مۇنداق بىلدۈردى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ « خېككىنس» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى، كانادانىڭ «ۋانكوۋېر» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى ھەم بۇنى ئاشكارا كۆپتۈردى.

 جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، ئامېرىكا، كانادا پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. ئامېرىكا، كانادا تەرەپنىڭ قىلمىشى چاتاق چىقىرىپ، ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز

شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! ئەلچىخانىمىز بايانات ئېلان قىلدى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章