تورداشلار دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان «دوختۇرخانىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يىرىك پىلان تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەھكىمىسى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «< ساغلام جۇڭگو 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»، «< 14-بەش يىل >لىق ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى»، « مەملىكەت بويىچە داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئۇچۇرنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى (2023-2025-يىلىغىچە)» قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى تەلەپكە ئاساسەن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مەملىكەت بويىچە داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇرنى ئورتاق راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق ئۇچۇرى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كارتىسى بىلەن باشقا كارتا كودىنى ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى كېڭەيتىپ، بىردىنبىر ئاساسىي ئاچقۇچ ئىندېكسىنى بەرپا قىلىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى ئۆلچەملىك سۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى نەپ
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
بۇ كىشىلەرنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى ھاجەتسىز
شىنجاڭدا بۇ ياردەم پۇلى 94 يۈەنگە كۆپەيتىلىدۇ
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ
خۇشخەۋەر! مۇكاپات ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا10مىڭ يۈەندىن بېرىلىدۇ
زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى